مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى

2022.09.29 22:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  سوئال: 20-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە تارقىلىشىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى قايسىلار؟

  جاۋاب: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 20-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ تەركىبىگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋەكىللەرنى سايلاش جەريانىدا، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلما نىسبىتىنى، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ بىرتۇتاش ئويلىشىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ۋەكىللەر قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق، تارقىلىشىنىڭ كەڭ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تارقىلىشى بىر قەدەر مۇۋاپىق بولۇپ، تۈرلۈك تەشكىللىنىش نىسبىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچىدىن، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتى كاپالەتكە ئىگە بولدى. سايلانغان ۋەكىللەر ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ 1-سېپىدىكى پارتىيە ئەزاسى 771 بولۇپ، %33.6 نى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىشچى پارتىيە ئەزاسى 192 نەپەر (دېھقان ئىشلەمچى پارتىيە ئەزاسى 26 نەپەر) بولۇپ %8.4 نى ئىگىلىدى؛ دېھقان پارتىيە ئەزاسى 85 بولۇپ، %3.7 نى ئىگىلىدى؛ كەسپىي تېخنىكا خادىمى پارتىيە ئەزاسى 266 نەپەر بولۇپ، %11.6 نى ئىگىلىدى.

  ئىككىنچىدىن، ئايال پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانى كۆپەيدى، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتى مۇقىم بولدى. سايلانغان ۋەكىللەر ئىچىدە، ئايال پارتىيە ئەزاسى 619 نەپەر بولۇپ، 19-قۇرۇلتايدىكىدىن 68 ى كۆپىيىپ، %27.0 نى ئىگىلەپ، 2.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 264 نەپەر بولۇپ، %11.5 نى ئىگىلىدى، 40 ئاز سانلىق مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ئىچىدە ئايال پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايال پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شۇ رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن يۇقىرى بولدى، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى بەلگىلىك ساننى ئىگىلىدى.

  ئۈچىنچى، ۋەكىللەرنىڭ تارقىلىشى كەڭ بولدى. سايلانغان ۋەكىللەر ھەر تەرەپتىن كەلگەن. ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، سىياسىي-قانۇن، مائارىپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەر، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا-بازار، كوچا، كەنت، مەھەللە قاتارلىق ھەرقايسى قاتلام، دەرىجە، شۇنىڭدەك ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، خەلق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋەكىللەر بار.

  تۆتىنچى، ۋەكىللەرنىڭ ياش قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق. سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 52.2 ياش. بۇنىڭ ئىچىدە 55 ياشتىن تۆۋەنلەر 1371 نەپەر بولۇپ، %59.7 نى ئىگىلىدى؛ 45 ياشتىن تۆۋەنلەر 434 نەپەر بولۇپ %18.9 نى ئىگىلىدى.

  بەشىنچى، ۋەكىللەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى. سايلانغان ۋەكىللەر ئىچىدە ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر 2191 نەپەر بولۇپ، %95.4 نى ئىگىلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگىلەر 826 نەپەر بولۇپ، %36 نى ئىگىلىدى؛ ئاسپىرانت 1210 نەپەر بولۇپ، %52.7 نى ئىگىلىدى.

  ئالتىنچى، ھەر قايسى مەزگىللەردە پارتىيەگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋەكىل بار. سايلانغان ۋەكىللەر ئىچىدە يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە پارتىيەگە كىرگەنلەر، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە پارتىيەگە كىرگەنلەر، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەزگىلىدە پارتىيەگە كىرگەنلەر، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەگە كىرگەنلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن پارتىيەگە كىرگەنلەر 2224 نەپەر بولۇپ، %96.9 نى ئىگىلەپ، 20-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ