خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر خەلقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. بىز جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىنتايىن قوللايمىز، بۇ ئىدىيە جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ.» بىرما مىللىي ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خەن رۈي يېقىندا خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا، جۇڭگو مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 700 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، يەر شارىۋى نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى، بۇ، كىشىنى قايىل قىلىدۇ.»
بۇ يىل 81 ياشقا كىرگەن خەن رۈي جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كۆزەتتى ۋە مۇلاھىزە قىلدى. خەن رۈي مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى يۈننەن كۈنمىڭغا زىيارەتكە بارغان، ئۇ يەرنىڭ تېز تەرەققىياتى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئايروپىلان قونۇشى بىلەنلا، زامانىۋىلاشقان ئايرودۇرۇم كۆزگە چېلىقىدۇ، كەڭ، تەكشى يوللار، ئىككى تەرىپىدە پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر، زامانىۋىلاشقان بىنالار مەن كىتابتىن چۈشەنگەندىنمۇ چىرايلىق ۋە ئاۋات كۆرۈنىدىكەن. مەن ئاستا-ئاستا شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بېكىتكەن توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشى، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تۈزگەن تەرەققىيات يىرىك پىلانى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەن.»
نامراتلارنى ئازايتىش — تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىپە. خەنرۈي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرمىنىڭ بەزى رايونلىرى يەنىلا بىر قەدەر نامرات، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى جىددىي ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىرما جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ئارقىلىق ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولسا بولىدۇ. بىرما مىللىي ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ تەكتى بىرما سوتسىيالىزم پىروگراممىسى پارتىيەسى. 2013-يىلى بۇ پارتىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندىن بۇيان، ئىككى پارتىيەنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا زىيارىتى كۆپەيدى. خەن رۈي مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيەلەرئارا ئالاقىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە دوستلۇقنى چەكسىز قەدىرلەيمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىمىز.»
خەن رۈي «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، چوڭقۇر ئىلھام ئالدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇردى، بىرما مىللىي ئىتتىپاق پارتىيەسىمۇ ئىشچىلار ۋە دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.» خەن رۈينىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دەل خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ئىكەن. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۈچلۈك تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنى ئالدىن كونترول قىلىپلا قالماي، يەنە باشقا دۆلەتلەرنى زور مىقداردىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى، يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىناسىنى خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىپ، بىر مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.»
«جۇڭگونىڭ ياردىمى بىرمىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم.» خەن رۈي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىرما بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭدى. جۇڭگو تۇيۇقسىز يۇقۇمغا دۇچ كەلگەندە، بىرما جۇڭگو ۋۇخەنگە گۈرۈچ قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئىئانە قىلدى؛ بىرمىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى جىددىي پەيتىدە، جۇڭگو زور تۈركۈمدىكى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى بىرمىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، بىرما-جۇڭگو ھەمكارلىشىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت بىرمىدا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 5-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، بىرما-جۇڭگو ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقارغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 1 مىليون تال يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى بىرما خەلقىگە ئەملەش باشلاندى.
«باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹خەلق ئۈچۈن تەرەققىي قىلغاندىلا، تەرەققىياتنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ؛ خەلققە تايىنىپ تەرەققىي قىلغاندىلا، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ› دەپ كۆرسەتتى. مەيلى دۆلەت ئىچىنى ئىدارە قىلىش ياكى يەر شارىنى ئىدارە قىلىش بولسۇن، ئەڭ مۇھىمى خەلقنى پۈتۈن مۇساپىگە قاتناشتۇرۇش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش. بۇ جەھەتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن دۇنيادىكى پارتىيەلەرگە ئۈلگە بولدى.» خەن رۈي ئۆزىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دېموكراتىيە توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئىنتايىن ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دېموكراتىيە قايسى بىر دۆلەتنىڭ پاتېنتى ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ ھوقۇقى. دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇلى بار، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش مۇمكىن ئەمەس. «بۇ بىزگە ئىلھام بولدى، بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.»
خەن رۈي جۇڭگونىڭ دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتناشقانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، دۇنياۋى تەرەققىياتنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك لايىھەسى. بىرمىنى مىسالغا ئالساق، بىرما-جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى بىرمىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، بىرما جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىش، يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بىز جۇڭگو ۋە ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.»
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ. خەن رۈي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن نىشان بېكىتىدىغان، يۆنىلىش ئايدىڭلاشتۇرىدىغان بىر قېتىملىق كاتتا يىغىن بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، «بىرما مىللىي ئىتتىپاق پارتىيەسى يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ!»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى