مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەلنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش، ئەلنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى توپلاش، ئەلنى مايىل قىلىش

—— پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان

2022.09.28 01:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ توردا پىكىر ئېلىش — پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلىرىگە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىش بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتەك ئېسىل ئىستىلىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم تەستىق سېلىپ، ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «خەلق گېزىتى» ئىدارىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىنى تەشكىللەپ، ئالاقىدار تور بېكەتلىرى، ئابونتلار تېرمىنالى باش بېتىنىڭ باش ئېكرانىدا «پارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىمەن» قاتارلىق مەخسۇس ئىستونلارنى ئېچىپ، پائالىيەتنىڭ قېلىپلىق، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  تۈرگە ئايرىش سۆزىنى ئىلمىي لايىھەلەش، ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنىڭ تور ئەھلىنىڭ قاتنىشىش يوللىرىنى تېز تېپىشىغا ياردەم بېرىشىدىن، بەت بۆلىكى ئاددىي، چۈشىنىشلىك بولۇش، مەشغۇلات قىلىشقا قولايلىق بولۇش، ئاممىنىڭ بىر كۇنۇپكا بىلەن قاتنىشىشىنى شارائىت بىلەن تەمىنلەشكىچە، ھەرقايسى چوڭ سۇپىلار قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىر كۆرسىتىش يوللىرىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى.

  ئەلا سۈپەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاشتىن تارتىپ ئېلان، سىن، H5 قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىشقىچە، يېڭى تاراتقۇلاردا كۆرسىتىشكىچە، ئاندىن ئاممىۋى سورۇنلاردىكى دالا چوڭ ئېكرانى ۋە ئاممىۋى قاتناش كۆچمە تېلېۋىزىيەسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشكىچە، ھەرقايسى چوڭ سۇپىلار توردا ۋە تور سىرتىدا كۆپ خىل شەكىللەردىن پايدىلىنىپ كەڭ تەشۋىق قىلىپ، كۈچلۈك داغدۇغا شەكىللەندۈردى، ھەرقايسى سۇپىلارنىڭ پىكىر ئېلىش بېتىدىكى ئومۇمىي ئوقۇلۇش مىقدارى 660 مىليون قېتىمغا يەتتى.

  تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەر قىلىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، قاتناشقۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيدى.

  توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىدە، قاتناشقان تور ئەھلىدىن ھەم دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى، ھەم پۇقراۋى كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر قاتارلىقلار بار؛ ھەم ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بار، ھەم ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئامما بار، بۇنىڭ ئىچىدە %97 تىن كۆپرەكى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن سۆز قالدۇرغان.

  پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن تورداشلار پائال چارە-تەدبىر كۆرسەتتى.

  خەلق ئاممىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئاۋاز قوشۇشى، پائال قاتنىشىشى بىلەن پائالىيەت مەزگىلىدە جەمئىي 8 مىليون 542 مىڭ تۈرلۈك پىكىر-تەكلىپ توپلىنىپ، سۆز قالدۇرۇلۇپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىش سانى ۋە سۈپىتىدىن ئىبارەت «قوش يۇقىرى بولۇش» ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىندى.

  دىققەت پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تەكلىپلەردە پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى ئىپادىلەندى ——

  بەزى تورداشلار كۆپ خىل شەكىل، كۆپ خىل يول، ھەر تەرەپلىمە تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ «ئىككىنى بېكىتىش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلدى؛ بەزى تورداشلار ياش ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان تەشۋىقات ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ياشلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بەردى؛ بەزى تورداشلار پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنىڭ «نېرۋا ئۇچلىرى»نى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ «جەڭگىۋار قورغىنى»نى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. بەزى تورداشلار «تۆت تارىخ» تەربىيەسىنى دۆلەت ئەھۋالى تەربىيەسى، قىممەت قارىشى تەربىيەسى، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئېتىقاد ئاساسىنى پۇختىلاپ، مەنىۋى كالتسىي تولۇقلاش تەكلىپىنى بەردى؛ يەنە بەزى تورداشلار پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىگە تورداشلارنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان قىزغىن غەمخورلۇقى سىڭگەن ——

  بەزى تورداشلار رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئۇنىڭ ئاساسىنىڭ تېخىمۇ پۇختا، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ يېتەرلىك يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تەۋسىيە قىلدى؛ بەزى تورداشلار خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش تۈزۈمى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تەدبىر كۆرسەتتى؛ بەزى تورداشلار «ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى»غا كۆڭۈل بۆلۈپ، زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، بەزى تورداشلار ھۆكۈمەت، بازار، جەمئىيەت قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ماسلاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى؛ بەزى تورداشلار يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  خەلق تۇرمۇشى ئارزۇسىنى چۆرىدەپ، تەكلىپلەرگە كەڭ ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان سەمىمىي ئىنتىلىشى مۇجەسسەملەنگەن ——

  توپلانغان پىكىر-تەكلىپلەر ئىچىدە، خەلق تۇرمۇشى تۈرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىقى مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن.

  مائارىپ ساھەسى توغرىسىدا بىر قىسىم تورداشلار«ئىككىنى ئازايتىش» سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى؛ «قېرىلىشىشدولقۇنى»توغرىسىدا بىر قىسىم تورداشلار ئائىلەۋە مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشتىكى ئەمەلىي تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بىر قىسىم تورداشلار قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆلچەپ تەكشۈرۈشۋە ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن چارە ئىزدىدى.

  ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىگە كەڭ خەلق ئاممىسى توپلىغان يېڭى تەجرىبىلەر، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تونۇشلار مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان ئىپتىخارلىقى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئۈمىدى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىندى، خەلقنىڭ رايى ئىگىلەندى، پارتىيەمىزنىڭ «خەلقنى مەركەز قىلغان» قىممەت قارىشى نامايان قىلىندى.«تور ئارقىلىق كەڭ تۈردە پىكىر قوبۇل قىلىدىغان بۇ خىل ئۇسۇل ياخشى ئىكەن، خەلقتىن ھال-ئەھۋال سورالدى، خەلقتىن چارە-تەدبىر سورالدى، بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمىز!» تورداشلار سۆز قالدۇرۇپ، چىن قەلبىدىن ماختىدى.

  «توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاددىي پۇقرالارمۇ پائالىيەتكە قاتنىشالىدى، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەيدىغان جەمئىيەت كۈچى مۇجەسسەملەندى. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئوچۇق، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىدىغان ئېسىل ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلدى» دېدى، جياڭشى ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرى.

  «قىسقىغىنا ۋاقىتتا، ئالاقىدار سۇپىلار ئارقىلىق تورداشلارنىڭ نەچچە مىليون پارچە پىكىر-تەكلىپى توپلاندى، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى، توردا خەلق رايىنى ئىگىلەپ كېڭىشىش يېڭى مېخانىزمى يارىتىلدى.» فۇدەن داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئاممىۋى ئىشلار شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى خەن فۇگو مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت پارتىيەمىزنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى بېيىتتى، پارتىيە بىلەن ئامما ئارىسىدا «قەلب كۆۋرۈكى» بەرپا قىلدى.توردا پىكىر ئېلىشتا ئەڭ كەڭ ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھەم خەلقتىن تەدبىر سوراشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، ھەم خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلدى.

  جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شى ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، توردىن پايدىلىنىپ خەلق رايىنى ئىگىلەش، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتىكى يەنە بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيەت، ئۇنىڭغا ماركسىزملىق ئاممىۋى قاراش سىڭگەن بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېھتىياجىغا ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرۇلغان.

  «بۇ قېتىمقى پائالىيەت دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىدىغان، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەيدىغان يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل ئۈنۈملۈك شەكىل، شۇنداقلا پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ جانلىق ئىپادىلىنىشى» دېدى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پارتىيە قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى چياڭ گې.

  كېيىنكى قەدەمدە ئالاقىدار تەرەپلەر توپلانغان پىكىر-تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پايدىلانما بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ