خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئون يىل بۇرۇن، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسىنى ياساش ۋە سىناق قىلىش تاماملىنىپ، دېڭىز ئارمىيەسىگە رەسمىي تاپشۇرۇلۇپ، «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى لياۋنىڭ ناملىق پاراخوتى» دەپ نام بېرىلدى، پاراخوت نومۇرى «16» بولدى.
دەل شۇ پەيتتە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز چاناقلىرى نەملەشتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، جۇڭگو ئاۋىياماتكا دەۋرىگە قەدەم قويدى.
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاۋىياماتكا ئايروپىلانىنىڭ سىناق ئۇچقۇچىسى دەي مىڭمېڭ قىرغۇچى-15 بەلگىلىك ئايروپىلاننى ھەيدەپ، ئاۋىياماتكىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى. خەلق دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياماتكا ئايروپىلانىنى ئاۋىياماتكىغا چىقىرىشتەك تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە، لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكا 10 ياشقا كىردى.
لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلەيلى!
شۇنداقلا خەلق دېڭىز ئارمىيەسىگە ھۆرمەت بىلدۈرەيلى!
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ