مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىشسىزلار كۈنلۈك خىزمەت قىلسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى بېرىش توختىتىلمايدۇ

2022.09.27 15:45 مەنبە: خەلق تورى

  مەن ھازىر ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىۋاتىمەن، مۇشۇ ئىككى كۈندە بىر كۈنلۈك ئىش تاپتىم. ئەگەر مەن ئىشلەمچىلىك قىلغىلى بارسام، يەنە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالالامدىم؟ بۇ مەسىلىگە قارىتا، 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىملار جاۋاب بېرىپ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالسا بولىدۇ، دېدى.


  «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»نىڭ 51-ماددىسىدا: ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىشنى توختىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ باشقا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى توختىتىش كېرەك: قايتىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسا؛ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن بولسا؛ چەت ئەلگە كۆچۈپ كەتكەن بولسا؛ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا؛ ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن تارماق ياكى ئاپپارات تونۇشتۇرغان مۇۋاپىق خىزمەت ياكى تەربىيەلىنىشنى رەت قىلغان بولسا؛

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىشسىزلار قايتىدىن ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى بېرىشنى توختىتىدۇ.

  سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتى ئىشسىز قېلىشتىن ئىلگىرى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغان يىلىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى بىر يىلغا توشۇپ ئىككى يىلغا توشمىغان بولسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنى ئۈچ ئاي ئالسا بولىدۇ؛ ئىككى يىلغا توشۇپ ئۈچ يىلغا توشمىسا ئالتە ئاي ئالسا بولىدۇ؛ ئۈچ يىلغا توشۇپ، تۆت يىلغا توشمىسا توققۇز ئاي ئالسا بولىدۇ؛ تۆت يىلغا توشۇپ بەش يىلغا توشمىسا 12 ئاي ئالسا بولىدۇ؛ بەش يىلغا توشۇپ، ئالتە يىلغا توشمىسا 14 ئاي ئالسا بولىدۇ؛ ئالتە يىلغا توشقان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا ھەر بىر يىل توشقاندا بىر ئاي قوشۇلىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 24 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ئايدا 1530 يۈەن ئىكەن.


كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

 مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ