مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تاغ-دېڭىز ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئورتاق بېيىش ئىلگىرى سۈرۈلدى

جېجياڭ تاغلىق رايونلار ۋە ئاراللار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى (20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى)

2022.09.27 01:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، ساپال بۇيۇملارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۇدا ئاشتى؛ كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەرنىڭ تېمىغا سىزىلغان ئىستېرېئولۇق رەسىملەر نۇرغۇن ساياھەتچىنى سۈرەتكە چۈشۈپ، خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى؛ كېرەكسىز ماي زاۋۇتىدىن ئۆزگەرتىلگەن ساپال سەنئىتى تەتقىقات، ئۆگىنىش بازىسى كۈنىگە تۆت-بەش يۈز ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى... ھەپتە ئاخىرىدا، 400 يىلدىن ئارتۇق ساپال بۇيۇم ياساش تارىخىغا ئىگە جېجياڭ ئۆلكىسى چۈجوۋ شەھىرى كېچېڭ رايونى ۋەنياۋ كەنتى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى.

  تاغ-دېڭىز ھەمكارلىق قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، چۈجوۋ شەھىرى كېچېڭ رايونى ۋە خاڭجوۋ شەھىرى يۈخاڭ رايونى «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئورتاق گەۋدىسى» قۇرۇپ، ماس تەرەققىي قىلىش، ئورتاق بېيىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قول تۇتۇشۇپ ۋەنياۋ كەنتىنى يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك يېزا-كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. 2021-يىلى يۈخاڭ رايونى 8 مىليون 100 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش قىزغىن كەيپىياتىدا، ۋەنياۋ كەنتىدىكى كادىرلار، ئامما كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىدى. ۋەنياۋ كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى لۇ يىڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭدېجېن شەھىرىدىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ قايتىپ كېلىپ، ساپال سەنئىتى ئۇستىسىنى كەنتكە كېلىپ خىزمەت ئىشخانىسى تەسىس قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، يېزا-كەنتلەردىكى ئىجادكارلارنى تەربىيەلەش، رەسىم سىزىش، فار-فۇر بۇيۇم ياساش قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  لۇ يىڭ مۇنداق دېدى: «ساپالچىلىق ئۆزگىچە مەدەنىيەتنى ئاساس قىلىپ، ۋەنياۋ كەنتىنىڭ بۇلتۇرقى كوللېكتىپ ئىگىلىك تىجارەت كىرىمى 300 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %150 ئاشتى. ھازىر، يۈخاڭ — كېچېڭ شەنخەي ھەمكارلىق يېزىسى ‹يېزا ئىجادكارلار مەركىزى› جىددىي قۇرۇلۇۋاتىدۇ، يىل ئاخىرىدا پۈتكەندىن كېيىن ئىجادكارلارنى تېخىمۇ چوڭ سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.»

  جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تاغ-دېڭىز ھەمكارلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جېجياڭنىڭ رايونلار بويىچە ماس تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردى. جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورتاق بېيىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاغلىق رايونلار-ئاراللار تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە تېز ئىزدىنىپ، ئورتاق بېيىش ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.»

  ئۆلكە ئىچىدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا، 32 تاغلىق رايوندىكى ئارال ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى يەنىلا نىسبەتەن ئارقىدا قالغان ئىدى. جېجياڭ ئۆلكىسى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەۋقەنى تاغلىق رايوندىكى ئارال ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ ئالاھىدىلىكى، ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «بىر ناھىيەگە بىر سىياسەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر ناھىيەدە بىر كەسىپ»نى يېتىشتۈرۈپ، تاغ-دېڭىز ھەمكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تاغلىق رايوندىكى ئاراللارنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  تۇرۇبا ياساش، تۇرۇبا ئېگىش، كېسىش... ماشىنىلارنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا داتلاشماس پولات تۇرۇبىلار ئارقا-ئارقىدىن پۈتتى؛ ماتېرىيالنى ئىز قوغلاپ ئورۇن بەلگىلەش ۋە ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سىستېمىسىغا تايىنىپ، ھەربىر ئىش تەرتىپىدىكى پولات تۇرۇبىنىڭ سانى، ھالىتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بىر ئېكراندىلا تەكشۈرۈشكە بولىدۇ؛ تەييار مەھسۇلات ئامبىرىدىكى رەتلىك قويۇلغان داتلاشماس پولات بۇيۇملار ئارقا-ئارقىدىن ماشىنىغا قاچىلىنىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلىدۇ... لىشۈي شەھىرى سۇڭياڭ-يۈياۋ تاغ-دېڭىز ھەمكارلىق كەسىپلەر رايونىغا كىرگەندە، باۋفېڭ پولاتچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.

  سۇڭياڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو جيې مۇنداق دېدى: «ھازىر كەسىپلەر رايونىغا ماكانلاشقان كارخانا 60 نەچچىگە، جەمئىيەتتىن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلۇۋاتقان تۈر 20 نەچچىگە يەتتى. يۇقىرى دەرىجىلىك داتلاشماس پولات بۇيۇملىرىنى يېتەكچى قىلىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا باغچە رايونىنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى، مو بېشى سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81.9، %51.9 ئېشىپ، مىقدار-سۈپەتنى تەڭ ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» «كەسىپلەر تاشقى زېمىنى» قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، نۆۋەتتە جېجياڭنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان سۇڭياڭ ناھىيەسى يۈياۋ شەھىرى قاتارلىق ئۆلكە ئىچىدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلار بىلەن كەسىپ ھەمكارلىق تۈرىدىن 32 نى قانات يايدۇردى، بۇ، رەقەملىك ئىقتىساد، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇقچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

  ئەمدىلا ۋېنجوۋدىن كەلگەن داتلاشماس پولات كارخانىسى جېڭكاڭ ئوقەتچىلىكى بىلەن تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەپسىلاتىنى كېڭىشىپ بولغاندىن كېيىن، لو جيې يەنە ئىختىساسلىقلار ياتاق بىناسى، قوشنىلار مەركىزى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تەكشۈردى، «كەسىپ بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، كارخانا ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى ھەل قىلغاندا، تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە ئىختىساسلىقلارنى يىغىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.»

  جېجياڭ دىققەتنى تاغلىق رايون-ئاراللاردىكى ئاممىنىڭ جىددىي، قىيىن غەم-ئەندىشە مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، رايون ھالقىغان مائارىپ ئارقىلىق قوشماق بولۇپ ياردەم بېرىش-يۆلەشنى قانات يايدۇرۇش، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاممىغا ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى.

  «جوۋشەن تاقىم ئاراللىرى تور دوختۇرخانىسى» بەرپا قىلىش ئارقىلىق، جوۋشەن شەھىرى توردىكى دېڭىز-تاغ داۋالاش مۇلازىمىتى بىرلەشمە گەۋدىسى بەرپا قىلدى، نۆۋەتتە 208 يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى (پونكىتى) تەسىس قىلىنىپ، پۈتۈن شەھەردىكى بارلىق ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى قاپلىدى؛ 21 ئارال مەكتىپى بىلەن نىڭبو شەھىرىدىكى مەكتەپلەر رايون ھالقىغان قوشماقلاشقان مەكتەپ قۇردى. جېجياڭنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى «بىر توردا بېجىرىش» ئاساسىي قاتلامغا ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ، لىشۈي شەھىرىدىكى 1891 مەمۇرىي كەنت (مەھەللە)لەردە «كەنت، مەھەللىلەرگىچە مۇلازىمەت قىلىش، ئىش بېجىرىشتە كەنتتىن چىقماسلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جېجياڭنىڭ تاغلىق رايونىدىكى 26 ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ تاغلىق رايوندىكى 26 ناھىيە (شەھەر، رايون)دىكى بارلىق ئاھالە، شەھەر-بازار ئاھالىسى ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7، %4.9 ۋە %6.8 ئېشىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ