مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ يى جۇڭگونىڭ «قورال-ياراغ كېلىشىمنامىسى»نىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن تەرتىپىنى تەستىقلاشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى

2022.09.26 15:43 مەنبە: خەلق تورى

  2022-يىلى 9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 77-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگەندە، جۇڭگونىڭ «قورال-ياراغ كېلىشىمنامىسى»نى تەستىقلاشقا ئالاقىدار دۆلەت ئىچى قانۇن تەرتىپىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، جۇڭگونىڭ يەر شارى خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئاكتىپ تەدبىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  «قورال-ياراغ كېلىشىمنامىسى» سۆھبىتى 1998-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسىداباشلانغان، 2001-يىل 5-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2005-يىل 7-ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان، ھازىر 122ئەھدنامە پۈتۈشكەن دۆلەت بار. كېلىشىمنامىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى قورال-ياراغ ياساش، ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقئارا ئۆلچەم تۈزۈپ، ئالاقىدار دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

  جۇڭگو قورال-ياراغلارنىڭ يامراپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ھەر جەھەتتىكى مەسىلىلەرگە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قورال-ياراغلارنى قانۇنسىز ياساش ۋە توشۇپ سېتىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو قانۇن چىقىرىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى قورال-ياراغ باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلقئارادىكى مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىپ، قانۇنسىز قورال-ياراغ سودىسىغا زەربە بېرىشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
  
 مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ