2022 -يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ رەسەتخانىسىنىڭ دىئامېتىرى 110 مېتىر كېلىدىغان تولۇق يۆنىلىشلىك رادىيو تېلېسكوپى تۈرىگە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ئۇل سېلىنىپ ئىش باشلاندى. بۇ رادىيو تېلېسكوپى گۇچۇڭدا قۇرۇلغاچقا گۇچۇڭ رادىيو تېلېسكوپى دەپ ئاتىلىدۇ، قىسقارتىلمىسى QTT.گۇچۇڭ تېلېسكوپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، توغرىلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان يۈز مېتىر دەرىجىلىك تولۇق يۆنىلىشلىك رادىيو تېلېسكوپىغا ئايلىنىشى مۇمكىن، يۈز مېتىرلىق دىيامېتىر ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى 6000 توننىغا يەتكۈزىدىغان بولۇپ، شاڭخەي تۇلپار رادىيو تېلېسكوپىنىڭ 2.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇنداق غايەت زور تېلېسكوپنىڭ يۈز شەكلىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 0.3 مىللىمېتىر، يۆنىلىش ئېنىقلىقى 2.5 بۇلۇڭلۇق سۈرەتكە يېتىدىكەن، ھەتتا «تۇلپار» تېلېسكوپىدىنمۇ 0.5 بۇلۇڭلۇق يۇقىرى بولىدىكەن.
تولۇق يۆنىلىشلىك ئەۋزەللىكى گۇچۇڭ رادىيو تېلىسكوپىنى ئىنتايىن يۇقىرى سەزگۈرلۈك دەرىجىسى بىلەن پۈتۈن ئاسماننىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى كۆزىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزى ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى 12 گىرادوس دائىرىنىمۇ قاپلىغان. پۈتكەندىن كېيىن گۇچۇڭ تېلېسكوپى 150mhz-115ghz لىق چاستوتا دائىرىسى ئىچىدە، نۇرغۇن مۇھىم ئاستىرنومىيەلىك تەتقىقات يۆنىلىشىنى ئالاھىدە يۇقىرى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ قارا ئۆڭكۈر، يۇلتۇزسىمان جىسىم، تېز سۈرئەتلىك رادىيو بورىنى، تۇتۇق ماددا، ناگېرتس nhz تارتىش كۈچى دولقۇنى، ئالەمنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ئالاھىدە سەزگۈرلۈك دەرىجىسىمۇ ئېلىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش تورىنى كۈچەيتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ