مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى:0 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلار تەنھالىق كېسەللىكىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ

2022.09.26 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  «مۇلازىمەت ئۆلچىمى» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېزا-بازارلىق شىپاخانا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى دەسلەپكى ئىلغاپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، 0 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ پسىخىكىلىق پائالىيەت يېتىلىشىنى 11 قېتىم دەسلەپكى ئىلغاپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى قايتا ئىلغاش مۇلازىمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تەۋەلىكىدىكى قايتا ئىلغاشتا بىنورمال چىققان بالىلارنىڭ سانى ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى قەرەللىك ئستاتىستىكىلاپ، ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتىغا يوللايدۇ.«مۇلازىمەت ئۆلچىمى» دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، روھىي كېسەللىكلەر مەخسۇس دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، بالىلار دوختۇرخانىسى ۋە ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىلىرىدىكى تەنھالىق كېسەللىكىگە دىياگنوز قويۇش ئىقتىدارىغا ئىگە داۋالاش ئاپپاراتلىرى بالىلاردىكى تەنھالىق كېسەللىكىگە دىياگنوز قويۇش مۇلازىمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.بالىلارنىڭ تەنھالىق كېسەللىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشگە تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئالاھىدە مائارىپ ئاپپاراتى، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ بالىلار بۆلۈمى ۋە سالاھىيەتلىك بالىلار پسىخىكىلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتى قاتارلىقلار سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تەنھالىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.


  تەنھالىق كېسەللىكى بالىلاردا دەسلەپكى مەزگىلدە كۆرۈلىدىغان نېرۋا يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش خاراكتېرىدىكى كېسەللىك بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە توسالغۇغا ئۇچراش، قىزىقىشى سۇسلاپ كېتىش، ھەرىكىتى تەكرار، جانسىز بولۇشنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان، بۇ كىسەللىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىدارى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.دۆلىتىمىزدە بالىلارنىڭ تەنھالىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن% 7 بولغان. تەنھالىق كېسەللىكىنىڭ نۆۋەتتە تېخى ئۈنۈملۈك دورىسى يوق، ئاساسلىق داۋالاش يولى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى بولۇپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش مەزگىلى ئالتە ياشتىن بۇرۇن بولىدىكەن. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامىتىنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ياخشىلىغىلى بولىدۇ.


كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

 مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ