مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ ھەقنى كېچىكىپتۈرۈپ تاپشۇرسا بولىدۇ

2022.09.26 14:35 مەنبە: خەلق تورى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومتېتى، مالىيە مىنىستىرلقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى قاتارلىق تۆت تارماق بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2022-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئۆز رايونلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى ئەھۋالىغا ئاساسەن كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتسە بولىدۇ. بۇ يەرلىكتىكى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىدە قېيىنچىلىقى بار بارىلىق ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كاراخانىلارنى، يەككە سالاھىيەتتە سۇغۇرتىغا قاتناشقان يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي گورۇھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سېياسىتى تېخىمۇ كۆپ بازار ئوبيېكتىغا نەپ يەتكۈزۈدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، تۆت تارماق تارقاتقان «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە ئالاقىدار مەسلىلەر ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىشى ئاساسلىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، بازار ئ‍وبيېكىتلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، كارخانىلارنىڭ 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مۇددەتكە بۆلۈپ ياكى ئايمۇ-ئاي تاپشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. تولۇقلاپ تاپشۇرۇش مەزگىلىدە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلاردىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشنى تەكشۈرۈپ، ھەق تاپشۇرۇش ئىسپاتى چىقىرىپ بەرگەندە، سىياسەت ۋە بەلگىلىمە بويىچە كارخانىلارنىڭ كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ۋە تولۇقلاپ تاپشۇرۇش مەزگىلىنى نورمال ھەق تاپشۇرۇش ھالىتى دەپ بېكىتىشى كېرەك، قەرز بولغان دەپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ. كارخانىلار كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرغان مەزگىلدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن ھەق تۇتۇپ، تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. قانۇن بويىچە ۋاكالىتەن تۇتۇپ، تاپشۇرغان بولسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ھالىتىنى نورمال دەپ بېكىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جايدىكى تارماقلارغا ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ نوپۇسقا ئ‍ېلىش، ئۆي سېتىۋىلىش، ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى قاتارلىق سىياسەتلەرنى جىپىسلاشتۇرۇپ مەسلىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە بېجىرىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسىتى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بازار سۇبيېكتلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ «دەرھال ئىلتىماس قىلىپ، شۇئان بەھرىمەن بولۇشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش خارەكتېرلىك يۈكىنى يەڭگىللىتىش تەلەپ قىلىندى.




كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

   مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ