خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرى گۇاڭياڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى لاڭفاڭ شەھىرى گۇاڭياڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىگەن جاۋابكار چېن جىجى قاتارلىق رەزىل كۈچلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىغا 1-سوتتا قاراپ چىقتى. سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگانلىرى ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىدىكى تۆت نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى، 28 جاۋابكار ۋە ئۇلارنىڭ ئاقلىغۇچىسى بىلەن يۈزلەشتۈردى، ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پىكرىنى تولۇق بايان قىلدى، جاۋابكار ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى. قانۇن بويىچە ئۇقتۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ سوتقا چىقىپ دەۋاغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 9-ئاينىڭ 23-كۈنى لاڭفاڭ شەھىرى گۇاڭياڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغا قانۇن بويىچە ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 2 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋابكار چېن جىجى، ما يۈنچى، ليۇ بىن، چېن شياۋلياڭ، لى شىن، شېن شياۋجۈن ۋە لى خۇڭرۇي، ليۇ فامىلىلىك، جياڭ فامىلىلىكلەر خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھىرى لۇبېي رايونى ئايرودۇرۇم يولىدىكى مەلۇم كاۋاپخانىدا تاماق يەۋاتقاندا، چېن جىجى دۇكاننىڭ ئىچىدە تاماق يەۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ فامىلىلىك، لى فامىلىلىك، يۈەن فامىلىلىك، ليۇ فامىلىلىكنىڭ ئۈستىلى يېنىغا بېرىپ، ۋاڭ فامىلىلىككە پاراكەندىچىلىك قىلغان، رەت قىلىنغاندىن كېيىن ۋاڭ فامىلىلىكنى ئۇرغان، ۋاڭ فامىلىلىك بىلەن لى فامىلىلىك قارشىلىق كۆرسەتكەن. چېن جىجى، ما يۈنچى، ليۇ بىن، چېن شياۋلياڭ، لى شىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا كاۋاپخانا ئىچى، دۇكان سىرتىدىكى يان يول ۋە دۇكاننىڭ يېنىدىكى تار كوچىدا ۋاڭ فامىلىلىك، لى فامىلىلىك، يۈەن فامىلىلىك، ليۇ فامىلىلىكنى ئورۇندۇق، ھاراق بوتۇلكىسى بىلەن ئۇرغان ياكى مۇشتلاپ تەپكەن، شېن شياۋجۈن كاۋاپخانا ۋە ياندىكى تار كوچىدا يۈەن فامىلىلىككە ساقچىغا مەلۇم قىلماسلىق ھەققىدە تەھدىت سالغان. باھالاش ئارقىلىق ۋاڭ فامىلىلىك، ليۇ فامىلىلىكنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسى يېنىك ئىككىنچى دەرىجىلىك زەخىملىنىش بولغان؛ لى فامىلىلىك، يۈەن فامىلىلىكنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسى يېنىك زەخىملىنىش بولغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، 2012-يىلىدىن بۇيان، جاۋابكار چېن جىجى قاتارلىق كىشىلەر ئۇزاق مۇددەت بىر يەرگە يىغىلىپ، تاڭشەن شەھىرى قاتارلىق جايلاردا زوراۋانلىق، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن قانۇنسىز قاماپ قويۇش، توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، قەستەن زەخىملەندۈرۈش، قىمارخانا ئېچىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، جىنايەت تاپاۋىتىنى نىقابلاش، يوشۇرۇش، ئۇچۇر تورى جىنايى ھەرىكىتى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىق جىنايەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، چېن جىجى توپلىغۇچى، ۋاڭ شياۋلېي قاتارلىق يەتتە جاۋابكار ئەزا بولغان رەزىل كۈچلەر تەشكىلاتىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن. بۇ رەزىل كۈچلەر تەشكىلاتى ئەسكىلىك قىلىپ، ئاممىنى بوزەك قىلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان.
لاڭفاڭ شەھىرى گۇاڭياڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى: جاۋابكار چېن جىجى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى، توپلىشىپ ئۇرۇشۇش جىنايىتى، قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى، قانۇنسىز قاماپ قويۇش جىنايىتى، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى، جىنايەتنى يوشۇرۇش جىنايىتى، ئۇچۇر تورى جىنايىتىگە ياردەم بېرىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بىر نەچچە جىنايىتىگە قوشۇپ جازا بېرىلىدۇ، 24 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئىجرا قىلىش قارار قىلىندى، قوشۇمچە 320 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى؛ قالغان 27 جاۋابكارغا 11 يىلدىن 6 ئايغىچە ئوخشاش بولمىغان مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 19 جاۋابكارغا قوشۇمچە 135 مىڭ يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلدى. چېن جىجى قاتارلىق ئالتە جاۋابكار ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتىدىكى تۆت نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دورا پۇلى، قاراش ھەققى، ئىشتىن قېلىش ھەققى، تاماق ياردەم پۇلى، ئوزۇقلىنىش ھەققى، قاتناش ھەققى قاتارلىق تۈرلۈك زىيانلارغا قارىتا مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
بىر قىسىم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، جاۋابكارنىڭ بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرى سىرتتىن ئاڭلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ