مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى» (چەت ئەل پارتىيەلىرى سىياسىي ئەربابلىرى ۋە دوستانە ئەربابلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە نەزەر)

2022.09.23 22:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «گابون دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى 40 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. گابون دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرى جۇڭگوغا كېلىپ تەكشۈرۈش، زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، جۇڭگونىڭ غايەت زور تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.» گابون دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 2-مۇئاۋىن باش شۇجىسى مىچېل فىلىپ ئېن زې خەلق گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى.

  دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، 1-چوڭ سانائەت دۆلىتى، 1-چوڭ مال سودىسى دۆلىتى، 1-چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۆلىتى... ئېن زې جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە چوڭقۇر ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چىڭ تۇرغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويدى.» ئېن زې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ، جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى.»

  2019-يىلى كۈزدە، ئېن زې گابون دېموكراتلار پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىللە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، شېنجېن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، كوچا-كويلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرى، مەدەنىيەت-مائارىپ ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدى، شۇ جايدىكى ئامما ۋە نۇرغۇن ساھە خىزمەتچىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇنىڭدىن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ھېس قىلدى. «بېيجىڭ شەھەرلىك يىرىك پىلان كۆرگەزمىخانىسى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ يەردە بېيجىڭنىڭ شەھەر يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان بولۇپ، مەن بېيجىڭنىڭ ھەم قەدىمىي پايتەخت قىياپىتىنى مۇكەممەل قوغدىغانلىقىنى، ھەم زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى ۋە ئەمەلىيەت يولىنى چۈشەندىم.» ئېن زې مۇنۇلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى: بېيجىڭ كوچىلىرىدا، ئۇ جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىيات تومۇرىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلىتىلگەن ئاممىۋى قاتناش تورى ھەممە يەرگە تۇتاشقان بولۇپ، ھەمبەھىر ۋېلىسىپىت قاتارلىق مۇھىت ئاسرايدىغان قاتناش قوراللىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئامما يېشىل سەپەرگە چىقىش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە».

  «ھازىرقى گۈللەنگەن شېنجېننىڭ 40 نەچچە يىل ئىلگىرى پەقەت بىر كىچىك بېلىقچىلىق كەنتى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، مەن قاتتىق تەسىرلەندىم.» ئېن زې مۇنداق دېدى: شېنجېندا، ۋەكىللەر ئۆمىكى «جۇجياڭ دەرياسى ئۆركەشلىدى —— گۇاڭدۇڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى كۆرگەزمىسى»نى كۆردى، يەنە خۇاۋېي شىركىتى قاتارلىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئېن زې ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ، شېنجېننىڭ دۇنيا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئورنىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلدىم.»

  2021-يىلى 6-ئايدا، جۇڭگو ياردەم بېرىپ سېلىپ بەرگەن گابون مىللىي پارلامېنت بىناسىنى رېمونت قىلىش ۋە زالنى قايتا قۇرۇش تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ شۇ يىلى 11-ئايدا، جۇڭگو كارخانىلىرى ئۈستىگە ئالغان لىبېرۋىل ئۇنىۋېرسال مەكتىپى تۈرى ئوڭۇشلۇق پۈتۈپ، 5000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى ئۆگىنىش سورۇنى بىلەن تەمىنلىدى... جۇڭگو قول تۇتۇشۇپ گابون بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. ئېن زې جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسىغا يۈكسەك باھا بەردى، «جۇڭگو لايىھەسى گابوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى، خەلقىمىزمۇ بۇنىڭدىن ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتى».

  بۇلتۇر 3-ئايدا، جۇڭگو گابونغا ياردەم بەرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى لىبېرۋېلغا يېتىپ باردى. ئېن زې ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «گابوننىڭ مەملىكەت بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى شۇنىڭغا ئەگىشىپ باشلاندى، گابون زۇڭتۇڭى ئەر-خوتۇن 1-ۋاقىتتا جۇڭگو ۋاكسىنىسىنى ئەملىدى.» ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گابون دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇم كونترول قىلىندى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، «جۇڭگو بىز بىلەن جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭدى. ئەگەر جۇڭگولۇق دوستلارنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، بىز قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىگەن بولاتتۇق».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-گابون مەدەنىيەت ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. 2021-يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-ئافرىقا ئۈن-سىن پىروگراممىلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، «تاغ-دەريالارغا مۇھەببەت» قاتارلىق جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئۈن-سىن پىروگراممىلىرى گابون دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقىدىكى كۆپ دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا كۆرسىتىلىپ، جۇڭگودا يۈز بەرگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ھېكايىسى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تارقالدى. «بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ھېكايىلىرى ئافرىقا خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ئافرىقا-جۇڭگو خەلقلىرىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى، شۇنداقلا ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.» ئېن زېنىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا، جۇڭگو نەچچە يۈز مىليون نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك مۆجىزىنى يارىتىپ، دۇنيا تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى. «تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تېخى نامراتلىق ئازابىغا ئۇچراۋاتقان ئافرىقا دۆلەتلىرىگە يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد ئاتا قىلدى».

  بۇ يىل 3-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى سىن شەكلىدە «دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى: جۇڭگو-ئافرىقا پارتىيەلىرىنىڭ ئىزدىنىشى ۋە ئەمەلىيىتى» باش تېما قىلىنغان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئېن زې تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەم يېڭى دەۋردىكى پارتىيە تاراتقۇلىرى، پارتىيە ژۇرناللىرىنىڭ تەرەققىيات قارالمىسى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئورتاقلاشتى. ئېن زې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تور ئۇچۇرى يۈكسەك تەرەققىي قىلغان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تور بوشلۇقى ۋە ياخشى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

  ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇراتتى. ئېن زې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەيمەن»، جۇڭگونىڭ داۋاملىق كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ