مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

100 كۈندە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش (56-كۈن)

دېلو ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش / ئاخبارات خەۋەرلىرىدە باشقىلارنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

2022.09.23 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  دېلو مىسالى

  ۋاڭ فامىلىلىك كۆپ قېتىم بۇلاڭچىلىق دېلوسى سادىر قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.جامائەتچىلىكنىڭ بۇ دېلوغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن،شۇ جايدىكى قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشخانىسى بىلەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ بۇ دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلىش جەريانىنى سۈرەتكە ئالغان ھەمدە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئىشلىگەن.تۈرمىدە تۇرغان ۋاڭ فامىلىلىك بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرى ۋە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش سىن كۆرۈنۈشى ئۆزىنىڭ سۈرەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ قاراپ، ئادۋوكاتقا سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشنى ھاۋالە قىلغان.ئاخبارات خەۋەرلىرىدە ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

  دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش

  بولىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرىنىڭ 999-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: جامائەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاخبارات خەۋىرى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى قاتارلىقلاردا ھەق تەلەپ سۇبيېكتىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، نامى، سۈرىتى، شەخسىي ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىشلەتسە بولىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرىنىڭ 1020- ماددىسىدامۇنداق بەلگىلەنگەن: ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ئىشلەش ئۈچۈن، سۈرەت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ سۈرىتىنى ياساش، ئىشلىتىش، ئاشكارىلاشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، سۈرەت ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىسىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ