مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

100 كۈندە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش (55-كۈن)

دېلو ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش / بالىغا خالىغانچە ئىسىم قويسا بولامدۇ؟

2022.09.23 14:41 مەنبە: خەلق تورى

  دېلو مىسالى

  شياۋخەن بىلەن شياۋلى ئەر-خوتۇت ئامراق قىزىغا «شىدېرۇيلا» دەپ ئىسىم قويماقچى بولۇپ، نوپۇس تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، خەلق ساقچىسى ئۇنىڭغا بۇ ئىسىم قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ،ئالماشتۇرۇڭ، دېگەن. شياۋخەن: «ئىسىم قويۇش مېنىڭ ئەركىنلىكىم، قانداق قويغۇم كەلسە شۇنداق قويىمەن، مۇشۇ ئىسىم بىلەن تىزىملىتىمەن» دېگەن.ساقچىخانا نوپۇس تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى رەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.شياۋخەن بۇنىڭغا قايىل بولماي مەمۇرىي دەۋا قىلىپ، ساقچىخانىنىڭ «شىندېرۇيلا» دېگەن ئىسىم-فامىلىسى بىلەن نوپۇسقا ئالدۇرۇشنى رەت قىلىش قىلمىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.بالىغاخالىغانچەئىسىم-فامىلە قوللانسا بولامدۇ؟

  دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش

  بولمايدۇ.ھەق تەلەپ قانۇنى دەستۇرىنىڭ 1015-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تەبىئىي شەخس ئاتىسىنىڭ فامىلىسى ياكى ئانىسىنىڭ فامىلىسىگە ئەگىشىشى كېرەك، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئاتىسىنىڭ فامىلىسى ۋە ئانىسىنىڭ فامىلىسىدىن باشقا فامىلىنى تاللىسا بولىدۇ: (1) باشقا بىۋاسىتە قانداش تۇغقانلارنىڭ فامىلىسىنى تاللاش؛(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن باققۇچىدىن باشقا كىشىلەر باققان بولسا، باققۇچىنىڭ فامىلىسىنى تاللاش؛ (3) جامائەت تەرتىپىگە خىلاپ كەلمەيدىغان باشقا ئورۇنلۇق سەۋەبلەر بولۇش.ئاز سانلىق مىللەت تەبىئىي ئىگىلىرىنىڭ فامىلىسى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ئەمەل قىلسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ