مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

100 كۈندە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش (54-كۈن)

دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش / مېھمانخانا ياتاق ئۆيى ئىچىدە ئوغرىلىقچە سۈرەتكە ئ‍ېلىش تېلېكامېراسىنى بايقىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

2022.09.23 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  دېلو مىسالى

  شياۋلى سىرتقا ساياھەتكە چىقىپ مېھمانخانىدا تۇرغاندا، تېلېۋىزور يېنىدىكى روزېتكىدا بىر يىڭنە تۆشۈكىچىلىك كامېرا بارلىقىنى بايقىغان. ئۇ دەرھال مېھمانخانا دىرېكتورىنى ئىزدەپ ئەھۋالنى ئېيتقان، ئەمما دىرېكتور مېھمانخانىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تالاش-تارتىشى بېسىقماي، شياۋلى ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تاللىغان. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ تېلېكامېرانى بۇنىڭدىن ئىلگىرى مېھمانخانىدا تۇرغان لاۋۋاڭنىڭ ئورناتقانلىقىنى بايقىغان، مېھمانخانا بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىكەن. ئۇنداقتا شياۋلى ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟

  دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش

  شياۋلى لاۋۋاڭ ۋە مېھمانخانىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 1033-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغان ياكى ھوقۇق ئىگىسى ئېنىق قوشۇلغاندىن باشقا ئەھۋالدا، ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ باشقىلارنىڭ تۇرالغۇسى، مېھمانخانا قاتارلىق مەخپىي بوشلۇقىغا كىرىشىگە، سۈرەتكە ئېلىشىغا، ئوغرىلىقچە كۆرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 1198-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: مېھمانخانا، سودا سارىيى، بانكا، ۋوگزال، ئايرودروم، تەنتەربىيە سارىيى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىق تىجارەت سورۇنلىرى ۋە ئاممىۋىي سورۇنلارنىڭ تىجارەتچىسى، باشقۇرغۇچىسى ياكى ئاممىۋى پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئۈچىنچى شەخسنىڭ قىلمىشى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈچىنچى شەخس ئۈستىگە ئالىدۇ. تىجارەت قىلغۇچى، باشقۇرغۇچى ياكى تەشكىللىگۈچى بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىمىسا، مۇناسىپ قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تىجارەتچى، باشقۇرغۇچى ياكى تەشكىللىگۈچى قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، ئۈچىنچى كىشىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ