خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 24 تە ئېچىۋېتىلگەن. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باھا تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ نۆۋەتلىك تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەش دەۋرى ئىچىدە (9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە) خەلقئارا نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. ئوتتۇرىچە ئەھۋالدىن قارىغاندا، لوندون برېنت، نيويورك WTI نېفىت باھاسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك باھا تەڭشەش دەۋرىدىكىدىن %6.42 تۆۋەنلىگەن.
مۇخبىرنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ماي باھاسىنى تەڭشەشنىڭ كونكرېت ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە بولغان: دۆلەت ئىچىدە بېنزىن، دېزىلنىڭ ھەر توننىسىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم 290 يۈەن ۋە 280 يۈەن تۆۋەنلىتىلگەن.
پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئەھۋالىدىن قارىغاندا: 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى 0.23 يۈەن تۆۋەنلىتىلگەن؛ 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى 0.24 يۈەن تۆۋەنلىتىلگەن؛ 0-نومۇرلۇق دېزىلنىڭ باھاسى 0.24 يۈەن تۆۋەنلىگەن.
ھېسابلىغاندا، ئادەتتىكى ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل ماي باكىنىڭ سىغىمىنى L50 بويىچە مۆلچەرلىگەندە، بىر باك 92-نومۇرلۇق بېنزىننى قاچىلىغاندا، 11.5 يۈەن ئاز كېتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ