خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:21-سېنتەبىر، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 14-سېنتەبىردىن بۇيان، قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان چېگرا رايونىدا داۋاملىق قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ھازىر ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان، لېكىن چېگرا ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان جۇڭگونىڭ دوست قوشنىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، بىز ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، دوستانە كېڭىشىش روھى بويىچە، زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ