مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا جۇڭگو تېلېگرافىنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىش تىزىملىكى»گە كىرگۈزدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى

2022.09.22 16:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-سېنتەبىر، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتى (FCC) شۇ جاي ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپى»نى باھانە قىلىپ، جۇڭگو مەبلىغىدىكى تېلېگراف كارخانىسى تىنچ ئوكيان تور چەكلىك شىركىتى ۋە ئۇنىڭ تولۇق مەبلەغلىك بالا شىركىتى شىنتۇڭ ھەمدە جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى شىركىتىنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سېلىش تىزىملىكى»گە كىرگۈزدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى باھانە قىلىپ، دۆلەت كۈچىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا يولسىزلىق بىلەن بېسىم ئىشلىتىشىدىكى يەنە بىر مىسالى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى بازار ئىگىلىكى قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. جۇڭگو ئامېرىكىنى خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى يولسىزلىق بىلەن چەكلەشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ، بىز داۋاملىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ