مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى، جۇڭگو تەرەپ ئىپادە بىلدۈردى

2022.09.22 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-سېنتەبىر، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر: «ئامېرىكا جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۇچرىشىش پائالىيىتى ۋە قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ، بۇ يىل جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرى ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ۋە باشقا رەھبەرلىرىمۇ بۇ رايوندىكى ئارال دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلدى، ئاۋسترالىيەمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەت قوللىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟» دېدى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن دەيدىغىنىم، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەتلەر بولۇپ، سىرت بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە ئىگە، بۇ خىل ھوقۇق ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى ۋە تارتىۋېلىنماسلىقى كېرەك. ئىككىنچىدىن، جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتاھېچقانداق سىياسىي شەرت قوشمايدۇ، ئاتالمىش كۈچ دائىرىسىنى كۆزلىمەيدۇ، ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپكىمۇ قاراتمايدۇ.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈنۈگۈن دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى نيۇيوركتا سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مانېللې بىلەن كۆرۈشتى. دۆلەت گوۋۇيۇەن ئەزاسى ۋاڭ يى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى بار، خەلقىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك. جۇڭگونىڭ ئارال دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق قانات يايدۇرۇشى ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئارال دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ سەمىمىي قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ