مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوڭ داۋئەن بىرىنچى سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2022.09.22 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى گوڭ داۋئەننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شاڭخەي شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى گۇڭ داۋئەننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار گۇڭ داۋئەنگە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى ھەمدە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى؛ گۇڭ داۋئەننىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىدىن قىلغان تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن پايدىسىنى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇردى.

  قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، 1999-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 2020-يىل 7-ئايغىچە، جاۋابكار گوڭ داۋئەن خۇبېي ئۆلكىسى جىڭجوۋ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،خۇبېي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى جىنايى ئىشلار رازۋىتكا باش ئەترىتى مۇھىم دېلولارنى رازۋىتكا قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئىقتىسادىي جىنايەتلەرنى رازۋىتكا قىلىش باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى، خۇبېي ئۆلكىسى شيەننىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى تېخنىكا رازۋېدكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىدارە باشلىقى، شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىسى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە كارخانا تىجارىتى، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، دېلو بېجىرىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىپ، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان،قۇبۇل قىلغان مال-مۈلۈك خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 73 مىليون 430 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.تاڭشەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار گۇڭ داۋئەننىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ پارا ئالغان سوممىسى ناھايىتى زور بولغان، باشقىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەرگەن، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ دېلو بېجىرىش ئىشلىرىغا قول تىققان، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك. گۇڭ داۋئەن سوتتا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تېخى ئىگىلىمىگەن بىر قىسىم پارا ئېلىش جىنايى پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلدى، ھازىر زاڭ پۇل-مالنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇۋېلىندى، شۇڭا ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ. سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ