مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىرىنچى سوتتا ليۇ شىنيۈنگە مۇددەتلىك 14 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

2022.09.22 16:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەنشى ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ليۇ شىنيۈننىڭ پارا ئېلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

  2022-يىل توققۇز ئاينىڭ 21-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ليۇ شىنيۈننىڭ پارا ئېلىش، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار ليۇ شىنيۈنگە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 12 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى ھەمدە بىر مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، 14 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى، بىر مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇشنى قارار قىلدى. ليۇ شىنيۈننىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىدىن قىلغان تاپاۋىتى ۋە ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن پايدىسىنى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇردى.

  قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، 1998-يىلىدىن 2021 ـ يىلىغىچە، جاۋابكار ليۇ شىنيۈن شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خېزې شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، جىنەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، سەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىسى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ كارخانا تىجارىتى، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى، دېلو بېجىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىپ، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مال - مۈلكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، قۇبۇل قىلغان مال-مۈلۈك خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 10 مىليون 330 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. 2018-يىل 3- ئايدىن 2021-يىل 4-ئايغىچە، ليۇ شىنيۈن سەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان مەزگىلدە، يەنە ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە تۈزۈم ـ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تۈر قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىدىن چەتنىگەن، سەنشى ئۆلكىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى پۈتۈن جەرياندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش سۇپىسى قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش تۈرىنى قۇرۇۋاتقاندا، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ مال-مۈلكى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان.

  لاڭفاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار ليۇ شىنيۈننىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، ئالغان پارا سوممىسى ناھايىتى زور، كۆپ قېتىم باشقىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەڭشەپ قويغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ دېلو بېجىرىش ئىشلىرىغا ئارىلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك. ليۇ شىنيۈن سوتتا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تېخى ئىگىلىمىگەن بىر قىسىم پارا ئېلىش جىنايى پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلدى، ھازىر پارا ئالغان زاڭ پۇلنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇۋېلىندى، ئۇنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ. سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ