خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 21-چېسلا دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى دەۋردىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىز تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ نامايەندە خاراكتېرلىك مەدەنىيەت بەلگىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ فىلىم مۇقەددىمىسىگە بىردەك ئوخشاش بەلگە ئىشلىتىشنى قارار قىلغان.
رادىيو -تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى ئىجازەتنامە تارقاتقۇچى ئورگانلار تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئىجازەتنامە تارقاتقاندا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ فىلىم مۇقەددىمىسىگە بىر تۇتاش بەلگىنى بىرگە تارقىتىپ، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى قويۇلغاندا، فىلىم مۇقەددىمىسىگە ئوخشاش بەلگە ئىشلىتىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى تارقىتىش ئىجازەتنامە نومۇرىغا توغرا بەلگە سېلىپ، ھەر بىر قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە قويۇلۇشى، ھەر قايسى كۆرسىتىش ئاپپاراتلىرى مۇكەممەل، ئۆلچەملىك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەككەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ