مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سۈيخۇا شەھىرى مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇردى (20-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالايلى)

خەلق گېزىتى مۇخبىرى سۈي جيا، جاڭ يىكەي

2022.09.21 11:56 مەنبە: خەلق تورى

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سۈيخۇا شەھىرىدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالدى.

  سۈيخۇا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى زالغا كىرگەندە، ئالدى بىلەن بىر چوڭ ئېكران كۆرۈندى.ئېكراندا مېترو يۈرۈش خەرىتىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان لىنىيە جەدۋىلى بولۇپ، ھەر قايسى بېكەتلەردە كۆرسەتكۈچ چىراغ چاقناپ تۇراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ماڭغىنى پويىز بولماستىن، بەلكى سۈيخۇا شەھىرىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى ئىدى.

  سۈيخۇا شەھىرىيېڭىلىق يارىتىش تۈرىنىڭمۇلازىمەت كاپالىتى مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى كارخانىلارنى تىزىملاش، قۇرۇلۇشقا چېتىشلىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقىچە بولغان ھەر قايسى ھالقىلارنى 14 بېكەتنىڭ «مېترو يۈرۈش خەرىتىسى» قىلىپ ئىنچىكە لايىھەلەپ چىقتى، ھەر بىر بېكەت بىر تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يېشىل، كۆك، سېرىق، قىزىلدىن ئىبارەت تۆت خىل رەڭلىك كۆرسەتكۈچ چىراغ بۇ ھالقىنىڭ بېجىرىپ بولۇش، بېجىرمەسلىك، بېجىرىش ۋە مۇددەتتىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ئىبارەت تۆت خىل ھالەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

  مېترو پويىزىنىڭ دەل ۋاقتىدا يۈرۈش، يۇقىرى سۈرئەتلىك بولۇش، پۈتۈن مۇساپىدە كۆرگىلى بولۇش، ۋوگزالغا يېتىپ بېرىش ۋاقتىنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، سۈيخۇا شەھىرى 2019 ـ يىلىدىن باشلاپ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىنىمۇلازىمەت كاپالىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش-مۇلازىمەت كاپالىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كارخانا تۈرلىرىنى بېجىرىشكە كۈچ قوشتى.دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، «مېترو يۈرۈش خەرىتىسى» ئەڭ دەسلەپكى 34 بېكەتتىن 14 بېكەتكە قىسقارتىلدى.

  تەرتىپ سخېمىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشى تېخىمۇ قولايلاشتى.

  ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى زالى مۇلازىمەت كۆزنىكى ئالدىدا، خېيلۇڭجياڭ شەرقىي قىسىم سۇ تېجەش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇھىم شەرتلىرىنى تەييارلاۋاتىدۇ، يېڭى تۈر پات ئارىدا «باش بېكەت»تىن قوزغىلىدۇ.بۇ، خېيلۇڭجياڭ شەرقىي قىسىم سۇ تېجەش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گاۋ لىڭنى تېخىمۇ رازى قىلدى، بۇ تەستىقلاش ۋاقتىنىڭ قىسقارتىلغانلىقى «ھەر بىر بېكەتتە قانچىلىك ۋاقىت سەرپ بولىدىغانلىقى ئېنىق يېزىلىدۇ، ھېسابلىساق، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتى 10 يىل ئىلگىرىكىدىن بىر يېرىم ھەسسە ئازايدى».

  سۈيخۇا شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ شۆجىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تارماقلار ئارا سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپ سخېمىسى ۋاقىت سەرپىياتى %56.2 ئازايدى، كارخانا ئىش بېجىرىش جەريانىدا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىيال 120 پارچىدىن 58 پارچىگە قىسقارتىلىپ، ۋاقىت چېكى، ماتېرىيال، ھالقا، تەننەرختىن ئىبارەت «تۆتنى ئازايتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  تەرتىپ سخېمىسىبېكىتىلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەتچىلىكىدىمۇ تۇتقا بار بولدى.

  سۈيخۇا شەھىرى تىجارەت ـ سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى مەبلەغ سېلىش تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈن ۋېيۋېي بىر قېتىملىق قەرەللىك تەكشۈرۈش جەريانىدا، سىستېمىدا «نورمىدىن ئاشۇرۇپ سىگنال بېرىش»تىكى تۈرلەردە قىزىل چىراغ يانغانلىقىنى بايقىدى، يەنى لۇڭۋاڭ دادۇر يېمىكلىكلىرى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ 2 ـ قارارلىق تۈرىنىڭ 7 ـ پونكىتىدا «قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»نى بېجىرىش ۋاقتى ئېشىپ كەتتى.

  «نېمە مەسىلە چىقتى؟ دەرھال ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟» سۈن ۋېيۋېي تېز سۈرئەتتە تۈر مۇلازىمەتچىسى جاۋ رۇمىڭغا تېلېفون قىلدى.

  جاۋ رۇمىڭ كارخانا، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تارماقلىرى، يىرىك پىلان لايىھەلەش ئورنى قاتارلىق ئۈچ تەرەپنى تورغا چىقىپ توپ پاراڭلىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، بىرلىكتە چېرتيوژنى ئۆزگەرتتى.ئەڭ ئاخىرىدا شۇ كۈنى كەچتە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تاماملاندى، تەستىقلاش داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  سۈيخۇا شەھىرى ھازىرغىچە جاۋ رۇمىڭغا ئوخشاش تۈر مۇلازىمەتچىلىرىدىن 500 نەپەرنى ئەۋەتىپ، كارخانا تۈرلىرىنى پۈتۈن مۇساپىلىك بېجىرىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، ۋاكالىتەن بېجىرىپ بەردى ھەمدە قىيىنچىلىقنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. «سىستېما ئاچقۇچلۇق تۈگۈن ئارقىلىق كونترول قىلىپ، ھەر قايسى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىلىرى ئارىسىدا بىر-بىرىگە باغلانغان مەسئۇلىيەت زەنجىرى، بېسىم زەنجىرى، مۇلازىمەت زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.» سۈيخۇا شەھەرلىك تىجارەت-سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى فۇ شىجۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پونكىت-نۇقتىلاردا قىزىل چىراغ يانغاندىن كېيىن، ئەگەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، تەستىقلاش تارماقلىرىنىڭ بېجىرىش ۋاقتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقى بايقالسا بولسا، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.»

  ئىش تەرتىپى دىئاگراممىسى بار بولدى، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىش دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتى.

  سىستېما تېرمىنالى تۈر تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سۈرئىتىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، تۈر مۇلازىمەتچىسى پات ئارىدا قانداق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ئالدىن ھۆكۈم قىلالايدۇ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تارماقلىرى پات ئارىدا تەستىقلايدىغان ئىشلارنى ئالدىن بىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇددەتتىن بۇرۇن «بېكەتكە مەلۇم قىلىدۇ»، «ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالىدۇ».

  يېقىندا، خېيلۇڭجياڭ بىڭچۈەن ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لۇ كې «مەلۇم قىلىش پونكىتى»نىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى، تېلېفوندا: كارخانىنىڭ يۇقىرى ئاقسىللىق پۇرچاق تالقىنى تۈرى «مېترو قاتناش خەرىتىسى»نىڭ «ئۆينىڭ كۆچمەس مۈلكىنى تىزىملاش»تىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرقى بىر بېكىتىگە يېتىپ باردى، دېيىلگەن ئىدى.

  «پۈتۈن مۇساپە قولايلىق، راھەت بولۇپ، تەسەۋۋۇردىن ئېشىپ كەتتى.» لۇ كې مۇنداق دېدى: «رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش باشلانغاندا، بىز يىراقتىكى گۇاڭشىدا ئىدۇق، مۇلازىمەتچى بىزگە ياردەم قىلىپ يىراق مۇساپىلىك ۋاكالىتەن بېجىرىپ، ئىشىنى شۇ كۈنىلا بېجىرىپ بەردى؛ ئوتتۇرىدىكى بىر قانچە بېكەت نۇقتىسى توردا جەدۋەل تولدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، بىزنى كارخانا مۇلازىمەت مەركىزىگە مەخسۇس تەكلىپ قىلىپ، جەدۋەل تولدۇرۇشقا قولمۇ-قول يېتەكچىلىك قىلدى.»

  «‹مېترو قاتناش خەرىتىسى› مېخانىزمى يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىدا تېز ئىش باشلاش، تېز قۇرۇلۇش قىلىش، تېز ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش، تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقىت چېكىنى ئازايتىپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تېجەپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇردى.» سۈيخۇا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ باۋۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، سۈيخۇا شەھىرىدىكى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47 ئاشتى، «بىز يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەقەملىك ئېنېرگىيە بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ