مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نۇرغۇن بانكىلار بىر قىسىم ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى

2022.09.16 14:05 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسى ۋە پوچتا ئامانەت بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئالتە چوڭ دۆلەت بانكىسى 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ شەخسلەر ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەيدىغان بولۇپ، قەرەلسىز ئامانەت پۇل ۋە قەرەللىك ئامانەت پۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تۈرلەرنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەڭشىلىدىكەن.


  بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچ يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇل ۋە زور سوممىلىق ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى 15 تۈپ نۇقتا، بىر يىللىق ۋە بەش يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى 10 تۈپ نۇقتا، قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى 0.5 تۈپ نۇقتا تۆۋەنلىتىلىدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ ئالتە چوڭ بانكا مۇلازىمىتىدىكى قەرەلسىز ئامانەت پۇلىنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى % 0.25، بىر يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى % 1.65، ئۈچ يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇلىنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى % 2.6، بەش يىللىق قەرەللىك ئامانەت پۇلىنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %2.65 بولىدىكەن.


  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلىنغان قەرز پۇل بازىرىنىڭ باھا ئۆسۈم نىسبىتى (LPR) نىڭ باھا مەلۇماتى نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر يىل ئىچىدىكى LPR 5 تۈپ نۇقتا تۆۋەنلىگەن، بەش يىل ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغانLPR 15 تۈپ نۇقتا تۆۋەنلىگەن. نۇرغۇن تەھلىلچىلەر LPR نىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، بانكا ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىمۇ ماس ھالدا تۆۋەنلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ