مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش يېڭى سىياسىتى كەلدى

ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش سىياسىتى يېڭى ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋالدى. 15 يىلدىن ئاشقان شەخسىي ئاپتوموبىللار يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈلىدۇ

2022.09.16 14:03 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 15-ئۆكتەبىر ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، شەخسىي ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش مۇددىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، 2022-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئون يىلدىن ئېشىپ كەتمىگەن غەيرىي تىجارەت خاراكتېرىدىكى كىچىك، مىكرو تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئىككى قېتىمغا تەڭشىلىپ، ھەر ئىككى يىلدا ج خ قاتناش تارماقلىرىغا تەكشۈرۈش بەلگىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. 15 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن ئاپتوموبىللارنى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە تەڭشىلىدىكەن.


  بۇ ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى تەدبىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، غەيرىي تىجارەت خاراكتېرىدىكى كىچىك، مىكرو تىپلىق ئاپتوموبىللار (توققۇز ۋە توققۇز كىشىلىكتىن تۆۋەن، مىنىبۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئەسلىدىكى 10 يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم (6-، 8-، 10- يىلى) توردا تەكشۈرۈش ئىككى قېتىم (6-، 10- يىلى) تەكشۈرۈشكە تەڭشەلدى ھەمدە ئەسلىدىكى 15 يىللىقتىن ئاشقان ماشىنىلارنى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە تەڭشەلدى. موتوسكىلىتلارنى ئەسلىدىكى 10 يىل ئىچىدە بەش قېتىم (6-يىلدىن 10-يىلغىچە ھەر يىلى بىر قېتىم) توردا تەكشۈرۈشتىن 10 يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم (6-، 10- يىلى) تەكشۈرۈشكە تەڭشەلدى، 10 يىلدىن كېيىن ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرۈلىدۇ.
كەڭ ئاپتوموبىل ئىگىلىرى قاتناش باشقۇرۇش «12123 ئەپ دېتالى»دا ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ئورنى ۋە ۋاقتىنى ئالدىن كېلىشىپ، ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالسا ۋە ئۆزىنىڭ نامىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تەكشۈرۈش كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ؛ ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى «ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ھېسابلىغۇچى» ئەپچىقى لايىھەلىدى، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىلنى رويخەتكە ئالدۇرغان ۋاقىت بويىچە تەكشۈرۈش مۇددىتىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئىگىسى ئالاقە تورى يول تىرانسپورتىدىكى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى «يول تىرانسپورت مەمۇرىيىتىدە بىر تۇتاش بېجىرىش» ئۈندىدار ئەپچىقى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يول تىرانسپورت كىنىشكىسىنى يىللىق تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ.


  بۇنىڭدىن باشقا، ج خ مىنىستىرلىقى ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش مۇلازىمەت تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇردى، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈشتە «ئاچقۇچ تاپشۇرۇش» تىن ئىبارەت قولاي مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈش ئاپپاراتى خادىملىرى بىر قېتىمدىلا بېجىرىشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش مۇلازىمەت زالى، مۇلازىمەت كۆزنىكى تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش تەرتىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.


  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار يېڭى ئاپتوموبىلنى ئالتە يىل ئىچىدە تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش، يۈك ئاپتوموبىلىنى «ئۈچنى تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش» قاتارلىق كۆپ قېتىملىق ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتوموبىلنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت ئاسراش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ئىسلاھاتىدا تەرتىپ يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، تەننەرخ تۆۋەنلىتىلىپ، مۇلازىمەت ئۆستۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىندى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ