دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 15-چېسىلا چۈشتىن كېيىنكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر 14-چېسلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى توڭلىتىلغان ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ 3 مىليارد 500 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مۈلكىنى شۋېتسارىيەدە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان «ئافغانىستان فوندى»غا يۆتكەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى ئادېيېمو ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسى سىياسىي دەخلىگە ئۇچرىماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنمىسا، بۇ فوند ئۇنى بىۋاسىتە مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، دېدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دەپ سورىدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا توڭلاتقان ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۈلكى ئافغانىستاننىڭ دۆلەت مۈلكى، شۇنداقلا ئافغانىستان خەلقىنىڭ «نىجاتلىق پۇلى»، ئافغانىستانغا دەرھال تولۇق قايتۇرۇپ بېرىلىشى، ئافغانىستان ئۆزى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىشى، ئافغانىستاننىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، تىنچ قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلمىغان ھالدا ئىشلىتىلىشى كېرەك. بىز ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۈلكىنى توڭلىتىش ۋە ئۆز ئالدىغا جازالاشنى تېزدىن ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئافغانىستاننى تىنچ قايتا قۇرۇشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ