مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يىنچۈەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى چيەن كېشياۋ پارا ئالغانلىقى ئۈچۈن 11 يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2022.09.16 13:58 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى ۋۇجۇڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر مەھكىمە يېقىندا يىنچۈەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، يۇڭنىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى چيەن كېشياۋنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلغان. چيەن كېشياۋ 19 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغانلىقى ئۈچۈن، 11 يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.


  سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، 2007 - يىلىدىن 2021 - يىلىغىچە، چيەن كېشياۋنىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى لىڭۋۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، يۇڭنىڭ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، ھاكىم، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش، قۇرۇلۇش پۇلىنى ئاجرىتىپ بېرىش، خىزمىتىنى ئۆستۈرۈش، تەۋسىيە قىلىش، تەيىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈندۈرۈۋالغان ياكى قوبۇل قىلغان مال - مۈلۈك خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 17 مىليون 620 مىڭ يۈەن، 200 مىڭ دوللار بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە 10 مىليون يۈەنگە ئېرىشەلمىگەن. دېلو تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، چيەن كېشياۋ بىر قىسىم زاڭ پۇلنى قايتۇرغان.


  سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق چيەن كېشياۋ دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقلاردىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، كۆپ قېتىم باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئۈندۈرۈۋالغان ياكى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولۇپ، قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ دەپ قارىدى. ئۇنىڭ پارا ئېلىش قاتارلىق قىلمىشىغا ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلغىنىغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدىغان ئەھۋاللىرىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا 11 يىل ئالتە ئاي مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى ھەمدە 1 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولغان زاڭ پۇل-مالنى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇردى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ