مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: كىچىك سەۋەنلىكنى ئېغىر جازالاش قاچان تۈگەيدۇ؟

2022.09.13 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەش جىڭ چىڭسەي ساتقانلىقى ئۈچۈن 66 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، جامائەت پىكرىنى زىلزىلىگە كەلتۈردى! خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شەنشى ئۆلكىسى يۈلىن شەھىرى يۈياڭ رايونىدىكى بىر كۆكتات، ئاشلىق-ياغ دۇكىنى مەلۇم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى بىر دېھقاننىڭ قولىدىن يەتتە جىڭ كەرەپشە كىرگۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى جىڭىنى يۈياڭ رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كەتكەن، قالغان بەش جىڭى تۆت يۈەندىن سېتىلىپ، جەمئىي 20 يۈەن كىرىم قىلىنغان. تەخمىنەن بىر ئايدىن كېيىن يۈياڭ رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ دۇكانغا 66 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشنى قارار قىلغان.

  بەش جىڭ كەرەپشە ساتقاندا، ساپ پايدىسى 10 يۈەنگىمۇ يەتمىسە، 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق جەرىمانە قويۇلغان، بۇ خىل ئورۇن ئالمىشىپ قېلىش كىشىنى چۆچۈتىدۇ. دۇكاندارنىڭ «مەن قانچە توننا كەرەپشە ساتسام ئاندىن 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن؟» دەپ سورىشى ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ. مەيلى قايسى نۇقتىدىن قارىمايلى، بۇنداق «كىچىك سەۋەنلىكنى ئېغىر جازالاش»نى قوبۇل قىلىش تەس ھەم بەرداشلىق بېرىشمۇ تەس. بەختكە يارىشا گوۋۇيۈەن نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بۇ ئىشقا ئارىلاشقاچقا، بۇ كۆكتات، ئاشلىق-ياغ دۇكىنى ئادىللىققا ئېرىشتى.

  بۇ دۇكان ساتقان كەرەپشىدە دېھقانچىلىق دورىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىلغان كەرەپشىنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمىغان، شۇنداقلا دۇكان ئىگىسى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ ئىجازەتنامىسى ۋە تالونىنى تەمىنلەپ بېرەلمىگەن، مال كىرگۈزۈش مەنبەسىنى ئەينەن ئېيتىپ بېرەلمىگەن، تەكشۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ۋەھاكازالار. بۇ مەسىلىلەر راستىنلا قانۇنغا خىلاپ، بۇ تەرەپنى دۇكاندارمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئامما قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلارنىڭ جازالىشىغا قارشى تۇرمايدۇ، قارشى تۇرىدىغىنى جازالاشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى.

  جەرىمانە قويۇش كېرەكمۇ؟ قانچىلىك جەرىمانە قويۇش كېرەك؟ بۇ مەسىلىدە خىيالىغا كەلگەننى قىلسا بولمايدۇ. خۇددى گوۋۇيۈەننىڭ 9-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈش 16-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى چېن شياۋنىڭ ئېيتقىنىدەك: قانۇن ئىجرا قىلىشتا سالماققىلا ئەھمىيەت بېرىشكە بولمايدۇ، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى بازار تەرتىپىنى ياخشى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كىچىك، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. روشەنكى، «كىچىك سەۋەنلىككە ئېغىر جازا بېرىش»تە ئەكس ئەتكىنى قانۇنچىللىقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئەمەس، بەلكى ھوقۇق زوراۋانلىقىدۇر، بۇ ھەم جازالانغۇچىنى چىن كۆڭلىدىن قايىل قىلالمايدۇ ھەم ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

  كىشىنى ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، ھازىر يۈياڭ رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىگە مەدەت بېرىدىغان بەزى سادالار بار بولۇپ، يۈلىندە ھەممىلا يەرنى «زەھەرلىك كەرەپشە» قاپلاپ كەتتى، دەپ قارىغان، بۇنىڭدىن «ئېغىر جازالاش كېرەك» دېگەن مەنە چىقىپ تۇراتتى؛ يەنە بەزىلەر «سەۋەنلىك بىلەن جازا ماس كېلىشى كېرەك» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنى يەنە مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويسا بولمايدۇ، دەپ قارىغان. بۇ سادالارنىڭ ئاساسى يوق ئەمەس، لېكىن تىل مۇھىتى تونۇشى كەمچىل بولۇپ، يۈلىندىكى بىر قىسىم قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ قالايمىقان جازالاش ئەھۋالىدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىدۇر.

  ئەمەلىيەتتە، 2021-يىلىدىن بۇيان، يۈلىن شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كىچىك، مىكرو بازار سۇبيېكتلىرىغا قويغان جەرىمانىسىنىڭ 50 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دېلوسى 21 قېتىم بولۇپ، دېلو قىممىتى نەچچە ئون يۈەندىن نەچچە 100 يۈەنگىچە ئىكەن، جەرىمانە سوممىسى بىلەن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنىڭ نىسبىتى 100 ھەسسىدىن 200 ھەسسىگىچە بولغان، ئايرىم دېلولارنىڭ 3000 ھەسسىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ نورمالمۇ؟ بۇ، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە بەرداشلىق بېرەلەمدۇ؟

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بايقىشىچە شەنشىدىكى بىر قىسىم جايلارنىڭ مەمۇرىي جازا ناملىرى ناھايىتى كۆپ، بىر قىسىم جازالاش تۈرلىرىنىڭ بەلگىلىنىشى ئەمەلىيەتتىن ئېغىر دەرىجىدە چەتنەپ كەتكەن، ئەمما تۈزىتىش كىرگۈزۈلمىگەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان. بەزىلىرى تەڭشەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي قاتلامدىكى بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى يەنىلا ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق قالايمىقان ئىش قىلسا، قانۇنچىللىقتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟

  بەش جىڭ كەرەپشىگە 66 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش، تۆت بولاق قېتىققا 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش ھەرگىزمۇ قانۇن بويىچە ئىش قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى قانۇن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ خالىغانچە رەزىللىك قىلغانلىق. نۆۋەتتە، شەنشى ئۆلكىسى يىغىن ئېچىپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن تۈزىتىش لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈپ، دىققەتنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ھوقۇق تۇتقانلار ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ، قانۇن ئىجرا قىلىش جازا ئىجرا قىلىشقا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ، ئۇنداق جەرىمانە ئارقىلىق كىرىم قىلىش تەپەككۇرى چوقۇم توختىتىلىشى كېرەك!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ