مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«جەرىمانە قويۇپ كىرىم قىلىش»قا بولدى بەس!

2022.09.13 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەمۇرىي كېسىم قىلىش ھوقۇقى ئۆلچىمىنى تۈزۈش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. «پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى «قالايمىقان جەرىمانە قويۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش، جەرىمانە ئارقىلىق كىرىم قىلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش، جەرىمانە سوممىسىنى رەتكە تۇرغۇزۇش ياكى نەتىجە-ئۈنۈمنى باھالاشنىڭ كۆرسەتكۈچى قىلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن مۇنداق بىر بايان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  «قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىش» بىرلەشتۈرۈلۈپ «ئۈچ قالايمىقان» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ بىر جاھىل كېسەل ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، بۇ مەسىلە بىر مەھەل ناھايىتى ئېغىر بولدى، مەركەز ۋە نۇرغۇن تارماقلار كۆپ قېتىم مەخسۇس تۈزەش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قېتىم «پىكىر»دە تىلغا ئېلىنغان جەرىمانە قويۇپ كىرىم قىلىش ياكى جەرىمانىگە قاراپ رەتكە تىزىش، نەتىجە-ئۈنۈمنى باھالاش قاتارلىق مەسىلىلەر يېڭى ئىش ئەمەس.

  بىر خىل قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ جەرىمانە قويۇشتىكى مەقسىتى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزىتىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىغان، يول بويىدا قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل توختاتقان، قىلمىشى يېنىك بولغان يولنى ئىگىلەپ تىجارەت قىلىش ياكى كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىشقا جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ بەزى كارخانىلارنىڭ تازىلىقى ياكى ئوت مۇداپىئە تەدبىرى جايىدا بولمىغان بولسا، جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىنى بەلگىلىك ئىقتىسادىي بەدەل تۆلەتكۈزسە، تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە دەل نورمال قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، «ئۈچ قالايمىقان»نى تۈزەش تەس بولماقتا.

  مەسىلەن، ئىلگىرى «جەرىمانە قويۇش» بىلەن «يۇقىرىغا تاپشۇرۇش»تىن ئىبارەت «ئىككى لىنىيە بويىچە مېڭىش» تېخى ئىشقا ئاشمىغان چاغدا، جەرىمانە قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە بىر قىسىم تارماقلار يىغىپ كەلگەن پۇلنى ئۆزىنىڭ «كىچىك خەزىنە»سىگە قاچىلاپ، ئاخىرىدا پاراۋانلىق تەمىناتى سۈپىتىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە تارقىتىپ بەرگەن ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بەزى ئاساسىي قاتلام قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىشتاتى يېتىشمەي، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ خىراجەت ئاجرىتىشى ئەمەلىيلەشمىگەندە، ئەسلىدە مالىيەگە تايىنىپ جان باقىدىغان كىشىلەر «ئۆزى تاماق تېپىپ يېيىش» كېرەك بولغاچقا، شۇنىڭ بىلەن جەرىمانە قويۇشقا كۆز تىككەن.

  جەرىمانە قويۇش بىلەن يۇقىرىغا تاپشۇرۇشنىڭ ئايرىۋېتىلىشى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارغا تولۇق پۇل ئاجرىتىلىشى، قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپىنىڭ قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شۇ يىللاردىكى قالايمىقانچىلىق ئەھۋالى بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلاندى، لېكىن تۈپتىن تۈزەلمىدى، بولۇپمۇ ھازىر ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېشىپ، يەرلىك مالىيە قىس بولغاندا، جەرىمانە قويۇش ئارقىلىق كىرىم قىلىدىغان كونا كېسەل ئاسانلا قايتا قوزغالدى.

  مەسىلەن، بۇلتۇر بەزى تاراتقۇلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شىمالدىكى مەلۇم تاغلىق رايوندىكى بىر ناھىيەنىڭ بىر يىلدىكى ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنىڭ 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا جەرىمانە قويۇپ 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق «كىرىم قىلىنغان»لىقىنى، ئىشلەتكىلى بولىدىغان مالىيە كۈچىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر قىسىم قاتناش ساقچىلىرىنىڭ كىرىم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، يولدىن ئۆتكەن يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىغا خالىغانچە جەرىمانە قويغانلىقىنى بايقىغان، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ئىنكاس قىلىپ: «ساقچىلار يولدا توسۇۋېلىپ، ھېچنېمە دېمەستىن يول يۈرۈش كىنىشكىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشىمىزنى ئېيتتى، مەن يول يۈرۈش كىنىشكىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئۇلارغا سۇنۇپ بەردىم، ئۇلار جەرىمانە تالونى چىقىرىپ بەردى، بۇنداق ئىشلارغا ئادەتلىنىپ قالدۇق» دېگەن. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، مەلۇم بىر جايدا شوپۇرلار بىر ئاي بۇرۇن جەرىمانە تاپشۇرسا بولىدىكەن، «ئايلىق ھەق»نى ئالدىن تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قائىدىگە خالىغانچە خىلاپلىق قىلسا بولىدىكەن.

  بىر قىسىم جايلار يەنە قولىنى كارخانىلارغا سۇندى. مەسىلەن، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىنغان خېبېي باجوۋ شەھىرى تەۋەلىكىدىكى يېزا-بازار، كوچا باشقارمىسى، تەرەققىيات رايونىغا باجدىن باشقا كىرىم ۋەزىپىسىنى چۈشۈرۈپ، ھەرىكەت شەكلىدە قانۇن ئىجرا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، رايون تەۋەسىدىكى نەچچە مىڭ كارخانىدىن قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان سېلىق سېلىشنى مەنپەئەتچان، «پەرقسىز» ھالدا قانات يايدۇرۇپ، 67 مىليون يۈەنلىك زور سوممىلىق جەرىمانە پۇلىنى يىغىۋالغان.

  بۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ «جەرىمانە قويۇش قىزغىنلىقى» ئاساسلىقى «پۇل كەم بولۇش»تەك ئەمەلىي قىيىنچىلىقتىن كەلگەن. لېكىن پۇل كەم بولسىلا كارخانا، شەخسلەرنى «يۇڭداش»نىلا ئويلاش ھەقىقەتەن يىراقنى كۆرەلمەسلىك ھەم زىيانلىق بولۇپ، «مالىيەدە پۇل كەمچىل بولۇش — جەرىمانە قويۇپ پۇل تېپىش — تىجارەت-سودا مۇھىتى ناچارلىشىش — كارخانىلار قېچىپ كېتىش — باج ئاساسى ئازىيىش — پۇل تېخىمۇ كەمچىل بولۇش»تەك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا ناھايىتى ئاسانلا پېتىپ قالىدۇ. جەرىمانە قويۇش جىددىي مەسىلىنى ھەل قىلسىمۇ، لېكىن سودا مۇھىتى، قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقى ناھايىتى ئۇزاققىچە بولىدۇ.

  بۇ يىل 6-ئايدىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلارغا چېتىشلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى باسقۇچقا بۆلۈپ مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى قاتناش ئەشيا ئوبوروتى، سۇ، توك، گاز، پار، يەرلىك مالىيە-ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى ۋە ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار قاتارلىق ساھەلەرگە نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈردى. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بۇ ساھەلەردىكى «ئۈچ قالايمىقان» مەسىلىسى ئۇزاقتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇپ كەلگەن ئىدى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەتتە «ھەقنى تۆۋەنلىتىش، يۈكنى يېنىكلىتىش سىياسىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىكى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى باھانە قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى تەسىس قىلىش، دۆلەت ۋە جايلار يولغا قويغان ھەق ئېلىشتا كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەلەپ بويىچە ئىجرا قىلماسلىق، بۇيرۇق بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھەقنى ئېلىش، مەجبۇرىي باغلاپ سېتىش، قالايمىقان تەكشۈرۈش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش» قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق تۈزىتىلىدىكەن.

  ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئالدىدا، بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مالىيەسى قىس بولۇۋاتىدۇ، لېكىن قىس بولغانسېرى، «جەرىمانە قويۇش قىزغىنلىقى»، «پۇل تېپىش قىزغىنلىقى» دىن شۇنچە ھوشيار بولۇپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، يىراققا نەزەر سېلىپ، «سۇ قويۇپ بېرىپ بېلىق بېقىش»، «يېشىل تاغنى ساقلاپ قېلىش»نى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك، «كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتۇش»قا ھەرگىز بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ