مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2022.08.28 22:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ كىتابنى ئازادلىق ئارمىيە نەشرىياتى، خەلق نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلدى، شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتابتا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىلگەن بولۇپ، مۇھىم نۇقتا نەزەرىيەۋى قىزىق نۇقتىلار، قىيىن نۇقتىلارغا قارىتىلىپ، رېئال مەسىلىلەر، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، مول مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى سوئال-جاۋاب شەكلىدە ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق نامايان قىلىنىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋە كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بېرىلگەن. كىتاب جەمئىي 16 مەخسۇس تېما، 63 مەسىلىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، مەزمۇنى مول، شەكلى يېڭى، سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك. بۇ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋە كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىدىكى مۇھىم يانداش ئوقۇشلۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ