مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ بۇ تۈپ ئەھمىيىتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

2022.06.06 22:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى توغرىسىدىكى قارارى»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «مەدەنىيەت ئىشەنچى تېخىمۇ ئاساسىي، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەنچ، بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان كۈچ.» بۇ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا تۈپ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى.

  بىرىنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچى ئەڭ ئاساسىي كۈچ. گەرچە مەدەنىيەت سۇغا ئوخشاش بولۇپ، ئۈن-تىنسىز تەسىر كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ناھايىتى كۈچلۈك سىڭىش كۈچىگە ئىگە. ئۇ ھەم ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەربىر ئادەمنى يارىتىدۇ، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، ھەرىكەت ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، يول تاللىشى، تۈزۈم لايىھەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، مىللەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتىدۇ، مىللەتنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى تاۋلايدۇ. بىز بۈگۈن ماڭغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن؛ دۆلىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئاساسىدا ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلغانلىقى، تەدرىجىي ياخشىلانغانلىقى، ئىچكى ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  ئىككىنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچى ئەڭ ئېغىر كۈچ. بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ھامان مىللەتنىڭ ياشاش، كۆپىيىش ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش تارىخىدا يىلتىز تارتىدۇ، ئۇنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، ئەمەلىيەتنىڭ تاۋلىشى، ئۇزاققىچە يېتىلدۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇ ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىش، چۆكۈش، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلىش جەريانىدۇر. شۇنداق بولغاچقا، مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ گېنىغا ئايلىنىپ، بۇ مىللەتنىڭ روھىي خىسلىتىنى يارىتىپ، كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى يېتىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭ تەسىرى ھەم بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەم چوڭقۇر، ئېغىر بولىدۇ. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەسۇرانە قىياپىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنىڭ جۇشقۇنلۇقى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى يېڭى دەۋردە بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشتىكى قۇدرەتلىك ئاساسنى ئورتاق ياراتتى.

  ئۈچىنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچى ئەڭ ئۇزاققا سوزۇلىدىغان كۈچ. مەدەنىيەت شەكىلسىز، ئەمما كۈچلۈك ئەۋرىشىم ۋە قەيسەر ھاياتىي كۈچكە ئىگە. مەدەنىيەت ئىشەنچى تۇرغۇزۇلغان ھامان، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ قېنى ۋە روھىغا سىڭىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى، ئىقتىسادىي تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا سىڭىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىنىدۇ. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىش داۋامىدا، جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن ئوڭۇشلۇق بولۇپ باقمىغان، سان-ساناقسىز جاپا-مۇشەققەتكە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىز بەرداشلىق بېرىپ مېڭىپ كەلدۇق، بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى يەتكۈچە ئازاب-ئوقۇبەت تارتسىمۇ ئاجىزلاشتۇرماي، قايتا-قايتا تاۋلاپ، تېخىمۇ قەيسەر قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ