5-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن داشياۋ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئازادلىق ئارمىيە «قوراللىق تىك ئۇچار 10» ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى يېقىندا ئاتالمىش تەيۋەن «غەربىي جەنۇب ھاۋا مۇداپىئەسى پەرقلەندۈرۈش رايونى» غا كىرىپ، «دېڭىز بوغۇزى ئوتتۇرا سىزىقى» دىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يەنە قارشى تەرەپكە 900 مېتىر ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئارالدىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. باتاناتچى بۇنىڭغا قانداق قارايدىكىن؟
ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، نېمە ئۇ «دېڭىز بوغۇزى ئوتتۇرا سىزىقى» دېگەن؟ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان، ئالاقىدار ئۇرۇش مەشىقى ھەرىكىتى پۈتۈنلەي «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارىتا قوللىنىلغان زۆرۈر ھەرىكەت.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ