يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى يىشۈي ناھىيەسى شياۋېي بازىرى خۇيفېڭجيەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۇڭ فامىلىلىكنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا تەن جازاسى بەرگەن سىن كۆرۈنۈشى توردا تارقالدى، سىن كۆرۈنۈشىدە، بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ دۈمبىسى جاراھەت ئىزى بىلەن تولغانىدى.
26- چېسلا، شەندۇڭ ئۆلكىسى يىشۈي ناھىيەلىك تور ئۇچۇرى بىخەتەرلىكى مۇلازىمەت مەركىزى «يىشۇي شۇنى ئېلان قىلىدۇ» دېگەن ئۈندىدار ئاممىۋى سالونىدا بىر تەرەپ قىلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلدى، بۇ ئوقۇتقۇچى ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 2022 ـ يىل 5 ـ ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، توردا «يىشۇي ناھىيەسى شياۋېي بازىرى خۇيفېڭجيەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىسىغا تەن جازاسى بەرگەن» سىن كۆرۈنۈشى پەيدا بولدى، يىشۇي ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال ناھىيەلىك مائارىپ ۋە تەنتەربىيە ئىدارىسى، ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق سۇڭ فامىلىلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ساۋ فامىلىلىككە تەن جازاسى بەرگەنلىكى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە، ساۋ فامىلىلىك ئوقۇغۇچى داۋالانماقتا، يارا ئەھۋالى تۇراقلاشقان. بۇ ئىشقا چېتىشلىق ئوقۇتقۇچى سۇڭ فامىلىلىك ج خ ئورگىنى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ