مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېھتىياجىڭىز بولسا توسۇڭ

2022.05.27 14:09 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرىدىكى بىر تورداش بىر ئاق رەڭلىك پىكاپنىڭ ئارقىسىغا «مەن دوختۇر، ئەگەر ئېھتىياجىڭىز بولسا مېنى توسۇڭ!» دېگەن خەت چاپلانغان سىن كۆرۈنۈشىنى تارقاتتى، ئۇنداقتا بۇ پىكاپنىڭ ئىگىسى كىم؟


  پىكاپ ئىگىسىنىڭ ئىسمى جەي شىپېڭ بولۇپ، 1995-يىلى تۇغۇلغان، ئوقۇش پۈتتۈرگىنىگە ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، ھازىر خۇجوۋ شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بالنىست دوختۇرى.
ئۇ ئۆزىنىڭ «داڭ چىقارغان» لىقىدىن ناھايىتى تاسادىپىيلىق ھېس قىلدى. ئۇ مۇخبىرغا پىكاپنىڭ ئارقىسىغا بۇ خەتنى چاپلاپ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ دوختۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۇنى ئىزدىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


  جەي شىپېڭ «دوختۇر بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىم بار. ئىلگىرى خەۋەرلەردە بىر كىچىك بالىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇشىدىن كەتكەنلىكى، تۇنجۇقۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەنىدىم. ئەگەر جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا كەسپىي دوختۇرلار بولغان بولسا نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتكەن بولاتتى. مەن باشقىلار ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا دەل ۋاقتىدا ياردەم قولۇمنى سۇنۇپ ئۆزۈمنىڭ كەسپىي جىددى قۇتقۇزۇش بىلىملىرىم ئارقىلىق ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى .


  تورداشلار بەس-بەستە «خەتنى كۆرۈپ دوختۇرنى كۆرگەندەكلا بولدۇم، دوختۇرلار راستتىنلا بەك رەھىمدىل» ، «بۇ بىر جۈملە سۆز نۇرغۇن كىشىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى» دەپ ماختاشتى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ