ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «2022-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، 2022-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 2021- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بەلگىلىمە بويىچە پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ھەم ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالغان كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈدىغانلىقىنى، ئومۇمىي تەڭشەش 2021-يىلى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ % 4 بويىچە بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە، نورمىلىق تەڭشەش، چېتىپ تەڭشەش بىلەن مۇۋاپىق مايىللىشىش بىرلەشتۈرۈلگەن تەڭشەش چارىسى داۋاملىق قوللىنىلىپ، نورمىلىق تەڭشەشتىكى ئىجتىمائىي ئادىللىق گەۋدىلەندۈرۈلدى، ئوخشاش رايوندىكى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش ئۆلچىمى بىردەك بولدى؛ چېتىپ تەڭشەشتە «كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش» ، «ئۇزاق تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش» تەك رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خىزمەتتىكى ۋاقتىدا كۆپ ھەق تاپشۇرغان، ئۇزاق ھەق تاپشۇرغانلار كۆپرەك كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدىغان بولدى؛ مۇۋاپىق مايىللىشىشتا نۇقتىلىق غەمخورلۇق قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئاساسلىقى چوڭ ياشتا پېنسىيەگە چىققانلار ۋە چەت، يىراق رايونلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارغا ئېتىبار بېرىلدى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ، تەڭشەپ كۆپەيتىلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تېزدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ قولىغا تارقىتىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ