مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن كېيىنكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە كەسپىي مەكتەپلەرگە تارقاقلاشتۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى!

2022.05.04 22:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى كەسپىي مائارىپ ۋە چوڭلار مائارىپى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چېن زىجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹كەسپىي مائارىپ قانۇنى› ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بەزى تاراتقۇلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ‹ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە كەسپىي مەكتەپلەر ماس تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ› دېگەننى ‹تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن كېيىنكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە كەسپى مەكتەپلەرگە تارقاقلاشتۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى› دەپ چۈشەندۈردى. بۇ، ئەمەلىيەتتە بىر خاتا چۈشەنچە.»

  چېن زىجى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يېڭى قانۇندا، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن كېيىنكى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتا شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش بەلگىلەندى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ‹قوش لىنىيە›لىك مائارىپ ئاساسىدا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن كېيىنكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە كەسپىي مەكتەپلەرگە تۈرگە ئايرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان تېخىمۇ ئىلمىي ۋە قېلىپلاشقان بايان، ئۇ ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپىنىڭ كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتىنى قانۇن ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى.

  «مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن كېيىن ‹ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن كەسپىي مەكتەپلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش›نى يولغا قويۇش ھەرگىزمۇ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك يۆنىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» چېن زىجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۇقتىلىق ھالدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنىڭ ئۆز سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى كېڭەيتىش كېرەك. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەتنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ:

  بىرىنچى، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خىراجەت سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىغا ئىگە بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئەلا سۈپەتلىك كەسىپلەرنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك، پەقەت ئۆزىنى كۈچەيتكەندىلا ئاندىن پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولىدۇ.

  ئىككىنچى، ئۆرلەپ ئوقۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش لازىم. تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى كەسپىي مائارىپنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي تولۇق كۇرس، قوللىنىشچان تولۇق كۇرسنىڭ كەسپىي مائارىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق مائارىپنى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئورنىنى ئەلالاشتۇرۇش لازىم. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنىڭ مائارىپ ئىقتىدارىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالىي كەسپىي مائارىپقا لاياقەتلىك ئوقۇغۇچى مەنبەسى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كەسپىي تەرەققىيات قاتارلىق كۆپ خىل يوللار بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  چېن زىجى مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن ئېيتقاندا، دۆلەت سىياسەت بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق تەرەققىيات يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۆز سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان تاللاش بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى كەسپىي مائارىپنى ئەقلىي تاللاشقا جەلپ قىلىپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنى ماس تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، تىرىشىپ ھەربىر ئادەمنى كىشىلىك ھاياتنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ