مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خۇنەن چاڭشادىكى ئاھالە ئۆزى سېلىۋالغان ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى

2022.05.04 23:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ خۇنەن چاڭشادىكى ئاھالە ئۆزى سېلىۋالغان ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ

بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك ئېغىر، زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 12دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، خۇنەن چاڭشا شەھىرىنىڭ ۋاڭچېڭ رايونى جىنشەنچياۋ كوچا باشقارمىسى جىنپىڭ مەھەللىسىدە ئاھالە ئۆزى سېلىۋالغان ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈزبەردى. ھازىرغىچە، يەنىلا نەچچە ئون ئادەم قاپسىلىپ قالدى.

ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال مۇنداق مۇھىم يوليورۇق بەردى: ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەپ - قۇتقۇزۇپ، يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، تەسەللى بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كېيىنكى خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق، ياخشى ئىشلەش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلمىي قۇتقۇزۇشقا دىققەت قىلىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزى سېلىۋالغان ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى كۆپ قېتىم يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور تالاپەت كەلتۈرۈپ چىقاردى، جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىش كېرەك. تۈرلۈك ئېغىر، زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشتىكى ئالتۇن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، قاپسىلىپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن، ئىلمىي ئىزدەپ - قۇتقۇزۇپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يارىلىنىش سەۋەبىدىن مېيىپ بولۇپ قېلىش ۋە ئۆلۈپ كېتىشنى ئازايتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش قاتارلىق كېيىنكى خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق، ياخشى ئىشلەپ، ئۇچۇرلارنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا، ئوچۇق - ئاشكارا ئېلان قىلىش كېرەك. ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ بىناكارلىق ساھەسى، بولۇپمۇ ئۆزى سېلىۋالغان تىجارەت خاراكتېرلىك ئۆيلەردە ساقلىنىۋاتقان بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى، تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. خۇنەن ئۆلكىلىك، چاڭشا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلار نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىشقا قوماندانلىق قىلدى. نۆۋەتتە، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە ھادىسە سەۋەبىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ