مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

​ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، چوڭقۇر قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

​«1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، كەڭ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا سەمىمىي سالام يوللىدى، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

2022.04.29 10:59 مەنبە: خەلق تورى

  تەبرىك خېتى

  تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، مەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

  تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنى جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو ئىجادىيىتىگە تىرەك بولىدىغان مۇھىم كۈچ. دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، چوڭقۇر قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇپ، تېخنىكا، ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق قوزغىتىشى كېرەك.

  «1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى پات ئارىدا يېتىپ كېلىدۇ، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، كەڭ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا سەمىمىي سالام يوللايمەن، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن!

  شى جىنپىڭ

  2022 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم «1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كەڭ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا سەمىمىي سالام يوللىدى، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق تەكىتلىدى: تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنى جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو ئىجادىيىتىگە تىرەك بولىدىغان مۇھىم كۈچ. دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، چوڭقۇر قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇپ، تېخنىكا، ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق قوزغىتىشى كېرەك.

  يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەم سۆز قىلدى.

  تۇنجى نۆۋەتلىك چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، باش تېمىسى «ماھارەت ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، يېڭىلىق يارىتىشتا مەن بار» بولۇپ، تور ۋە تور سىرتى شەكلى ئارقىلىق چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى ۋەكىللىكىدىكى كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، كەڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ