مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىز قانۇن چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە دەرسىنى باشقا دەرسلەرنىڭ ئىگىلىۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ

2022.04.15 18:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى زاڭ تيېۋېي 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدا مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت داۋامىدا مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە دەرس ۋاقتى ئىگىلىنىش مەسىلىسىگە قارىتا، تەنتەربىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا، مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەنتەربىيە دەرسىنى تولۇق ئۆتۈپ، تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئىگىلەنمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

  شۇ كۈنى، قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  زاڭ تيېۋېي مۇنداق دېدى: تەنتەربىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نۆۋەتتە ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەن ساپاسى تۆۋەنلەپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، سېمىزلىك يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە، شۇڭا تەنتەربىيەگە قاراتمىلىق ھالدا ئارىلىشىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. بۇ مەسىلىگە قارىتا، تەنتەربىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا مۇنداق بەلگىلىمە قوشۇلدى: بىرىنچى، دۆلەت ياشلارلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ياشلارلار-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە خىزمىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشلارلار-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ۋە ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلارلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككىنچى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، تەنتەربىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر ۋە ئائىلىلەر ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك، سېمىزلىك قاتارلىق ناچار ساغلاملىق ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ