مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، توردا باھالاش، سېلىشتۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىم

2022.04.15 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كەسكىن، ئەمەلىي، نوپۇزلۇق باھالاش پائالىيىتى ئىلغارلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، ئارقىدا قالغانلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. تور قاتارلىق يوللار ئارقىلىق باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش تەشكىللىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ۋاقىتنى، كۈچنى تېجەيدۇ، شۇنداقلا ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ. لېكىن، ئەگەر توردا باھالاش پائالىيىتى زىيادە كۆپ، بەك قالايمىقان بولۇپ كەتسە، گىرەلىشىپ تەكرارلانسا ياكى ئادىل، ھەققانىي ۋە ئىشەنچلىك بولمىسا، ياخشى ئىش ئاسانلا ناچار ئۈنۈم بېرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باھالاشنى قاتتىق تىزگىنلەشتىكى بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاساسىي قاتلامدا تۈرلۈك ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، تەقدىرلەش، باھالاش پائالىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، بىراق يەنىلا بىر قىسىم جايلار توردا باھالاش ئۇسۇلىنى قالايمىقان قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاپ، شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلدى. مەسىلەن، APP نى چۈشۈرۈش سانى ۋە قانچىلىك بېلەت تاشلاشنى خىزمەت نەتىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ قىلىۋالغاچقا، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى توردا بېلەت تاشلاشقا، قوللاشقا سەپەرۋەر قىلىشقا مەجبۇر بولدى. توردىكى بىر قىسىم ئېغىپ كەتكەن سېلىشتۇرۇپ باھالاشنى ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك.

  قېلىپلاشمىغان، ئەستايىدىل بولمىغان توردىكى سېلىشتۇرۇپ باھالاش پائالىيىتىنىڭ زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم توردا باھالاشتا نۇرغۇن تېخنىكا جەھەتتىكى نۇقسانلار ساقلانغان بولۇپ، بېلەت يېڭىلاش، تەكرار بېلەت تاشلاش قاتارلىق ساختىلىق قىلىش ئۇسۇللىرى يامراپ، باھالاشنى ئاتالمىش «ھەرىكەت ئىقتىدارى» جەھەتتىكى كۈچ سىنىشىشقا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، ئادالەتسىزلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاز ساندىكى جايلار ئەمەلىي ئەھۋالنى ئويلاشماي، باھالاش داۋامىدا توردا بېلەت تاشلاشنىڭ ۋەزنىنى بەك يۇقىرى ھېسابلىۋېلىپ، ئاسانلا خاتا يۆنىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، زىيادە كۆپ بولغان باھالاش پائالىيىتى يەنە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ زېھنىي كۈچىنى زىيادە چېتىۋېلىپ، بىر خىل يۈك بولۇپ قالماقتا. باھالاشنىڭ بېسىمى ئاستىدا، بەزى جايلار ھەتتا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. بىر قىسىم باھالاشلارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان بېلەت يېڭىلاشتىكى قارا كەسىپ زەنجىرى ۋە قانۇنسىز پايدا ئېلىش مەسىلىسىگە جىددى قاراپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  توردا باھالاش جەريانىدا كۆرۈلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەر يەنە بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن سىجىل كۈچەش، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش لازىم. شەكىلۋازلىقنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، سەللا دىققەت قىلىنمىسا شەكلى ئۆزگىرىپ، قايتىدىن باش كۆتۈرىدۇ، پەقەت مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشانلىق داۋالاشنى گەۋدىلەندۈرگەندىلا، ئاندىن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى يۈكنى يېنىكلىتىش داۋامىدا ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى بەزى ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغاندىلا، بوران-چاپقۇنغا قارىماي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ