مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق ماياكى» ۋە «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» دەپ ماختانغۇدەك ھېچقانداق سالاھىيىتى يوق، دېدى

2022.03.16 20:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 3-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇنداق دېدى: پاكىت شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى ئاتالمىش «ئىنسانىي ھوقۇق ماياكى» ۋە «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» دەپ ماختانغۇدەك ھېچقانداق سالاھىيىتى يوق، جۇڭگو تەرەپ ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى، دەھشەتلىك جازا مەسىلىسى ئالاھىدە دوكلاتچىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ، ئامېرىكىنى ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگو ۋەكىلى يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 49-نۆۋەتلىك يىغىنىدا دەھشەتلىك جازا مەسىلىسى ئالاھىدە دوكلاتچىسى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ساقچىلارنىڭ ئېغىر زوراۋانلىق ۋە دەھشەتلىك جازا مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جاۋ لىجيەن 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىپ، ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك قەبىھ ۋەقەلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى. 2021-يىلى، ئامېرىكىدا 1124 دىن ئارتۇق ئادەم ساقچىلارىڭ زوراۋانلىقىدا ئۆلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى زوراۋانلىق جىنايىتى ئۆتكۈزمىگەن، ھەتتا جىنايى قىلمىشى بولمىغان ئەھۋالدا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

  «ئوپراتسىيە پىچىقى» ژۇرنىلىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1980-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، ئامېرىكىدا تەخمىنەن 30 مىڭ 800 ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن زوراۋانلىق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغانلارنىڭ ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى سەۋەبلىك ئۆلۈش نىسبىتى ئاق تەنلىكلەرنىڭ 3.5 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دائىم ئامېرىكىدىكى خۇسۇسىي تۈرمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تۇتۇپ تۇرۇش سورۇنلىرىدىكى دەھشەتلىك جازا، خورلاش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئاشكارىلاپ تۇرىدۇ. گۇۋانتانامو تۈرمىسى مەھبۇسلارنى سىستېما خاراكتېرلىك خارلاش ۋە دەھشەتلىك جازا سەۋەبلىك سېسىق نامى پۇر كەتتى. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى»نى دەستەك قىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتتە «قارا تۈرمە» تەسىس قىلىپ، ئاتالمىش تېررورلۇق گۇماندارلىرىنى مەخپىي تۇتۇپ، خالىغانچە قاماپ قويدى ۋە قىيناپ سوراق قىلىپ، قىستاپ ئىقرار قىلدۇردى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋە ئالاقىدار تاراتقۇلارمۇ ئامېرىكىنىڭ 17 ھەربىي پاراخوتىدىن تەشكىللەنگەن «دېڭىز ئۈستى تۈرمىسى»، لىتۋانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تەسىس قىلىنغان «قارا تۈرمە تورى»نى كۆپ قېتىم تونۇشتۇردى، «بۇ، ئامېرىكا تۈرمە سىستېمىسىنىڭ قانۇنچىللىقنى دەپسەندە قىلىش، ئىنسانىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتىكى تىپىك مىسالى».

  «پاكىتلار شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى ئاتالمىش ‹كىشىلىك ھوقۇق ماياكى› ۋە ‹كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى› دەپ ماختىنىدىغان ھېچقانداق سالاھىيىتى يوق، كىشىلىك ھوقۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قارىتا ئۇنى-بۇنى دەيدىغانغا تېخىمۇ سالاھىيىتى يوق.» جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشى، دەھشەتلىك جازا مەسىلىسى ئالاھىدە دوكلاتچىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا دىققەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ، ئامېرىكىنى ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ