مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىئەندە ئەھۋالنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماي 10دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىر بىمار دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەھقىقلەندى

2022.03.16 20:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىئەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ۋېيياڭ شۆبە ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىئەن شەھىرىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ياۋ فامىلىلىك بىر بىمارغا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەھقىقلەنگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ياۋ فامىلىلىك 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار بىلەن بىللە شىئەن شەھىرى ۋېيياڭ رايونى كەييۈەن يولى فۇجيەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىناسىدا بىللە تۇرغان، شىئەن شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق ئىشتابى ئالاقىدار سەپەر ئىزىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ سەپەر ئىزىنىڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنىڭ تەلىپى بويىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە، ئورۇنلارغا ئەنگە ئالدۇرمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىدە روشەن بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىنمۇ، يەنىلا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تارماقلىرىغا مەلۇم قىلماي، ئۆزى دورا ئىچىپ ھەم كۆپ قېتىم ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىپ-چىقىپ، ئون نەچچە كىشىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياۋ فامىلىلىكنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 330-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغانلىقتىن، شىئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ۋېيياڭ شۆبە ئىدارىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ