مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى لى جۈن مۇنداق دېدى: بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ مۇكاپاتلاش ئىقتىدارىنى تاقاشنى تەۋسىيە قىلىمەن!

2022.03.05 14:43 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، سىچۈەن ئۆلكىسى گۇاڭيۈەن شەھىرى ساڭشى ناھىيەسى بەييى بازىرى شيۇيۈن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جۈن يېقىندا جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش زور بىر تۈركۈم پۇل تېپىش ئىقتىدارى كۈچلۈك تور چولپانلىرىنى كۆككە كۆتۈردى، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئېلىپ كەلدى، مەسىلەن: ئېقىم مىقدارىنى ئىشلىتىشتە تۆۋەن چەك بولماسلىق، بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە تۆۋەن چەك بولماسلىق، توردا تىلەمچىلىك قىلىش، سانلىق مەلۇماتتا ساختىلىق قىلىش قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى.

  ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقى كۈچلۈك، كىرىمى يۇقىرى، قانۇنغا خىلاپ تەننەرخى بىر قەدەر تۆۋەن، ۋاقىتچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ناھايىتى تەس، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە مۇكاپاتلاش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئاسانلا تۇيۇق يولغا كىرگۈزۈپ، ئۇلاردا ئىشلىمەي چىشلەيدىغان ئىدىيەنى پەيدا قىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە ئائىت قانۇن ـ نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇپا قائىدىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سۇپىنىڭ مۇكاپاتلاش ئىقتىدارىنى تاقاپ، ئاكتىپ كۈچ ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ