مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى خامۇشلۇق كېسىلىنى تەكشۈرۈش ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2021.11.10 21:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ «ياشلار-ئۆسمۈرلەردىكى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»ىگە جاۋاب بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە خامۇشلۇق كېسىلىنى تاللاپ تەكشۈرۈشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنداق كۆرسەتتى: ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش — ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت. مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياشلار-ئۆسمۈرلەردىكى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، جۈملىدىن سىناق رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە، سەھىيە-ساغلاملىق، تەشۋىقات قاتارلىق تارماقلار ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، كىنو-تېلېۋىزىيە، تاراتقۇ قاتارلىق كۆپ خىل يوللاردىن پايدىلىنىپ خامۇشلۇق كېسىلىگە دائىر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش كېرەك؛ داۋالاش-سەھىيە ئاپپاراتلىرى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات-تەربىيە سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەسپىي نوپۇزلۇق ھەم ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولغان خامۇشلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەپ، ئاممىنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە بولغان تونۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە كەمسىتىشنى ئازايتىشى لازىم؛ مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپ، كارخانا، مەھەللە، ئورگان قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خامۇشلۇق كېسىلىگە ئالاقىدار ئاممىۋى پاراۋانلىق لېكسىيەسىنى قانات يايدۇرۇش لازىم؛ ئاممىۋى سورۇنلاردا خامۇشلۇق كېسىلى ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشۋىقات ئېلانى تەسىس قىلىش ياكى قويۇش، ھەرقايسى مەھەللە ساغلاملىق تەربىيەسى پائالىيەت ئۆيى (سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى)، ئاھالىلەرنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش لازىم. مەكتەپتىن ئوقۇغۇچىلارنى مەسلىھەت سوراش، تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسلىھەت سوراش، تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلەش تەلەپ قىلىندى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: پۈتكۈل جەرياندا ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مۇلازىمىتى، باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قاتارلىق ئالاقىدار بىلىملەر بويىچە تەربىيەلەشنى قېلىپلاشتۇرۇشى، سىجىل قانات يايدۇرۇشى كېرەك. روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا ئەمەس دوختۇرلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزى سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرىگە كەيپىيات ھالىتىنى باھالاشنى كىرگۈزۈپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ تاللاپ ئىشلىتىشىگە تەمىنلەش لازىم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەر پىسخىكا يېتەكچىلىكى (مەسلىھەت بېرىش) ئىشخانىسى ۋە پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسى دەرسى تەسىس قىلىپ، پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى سەپلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ