مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يولداش شى جىنپىڭنىڭ «خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.11.09 14:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ «خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتابى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت ـ ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  بۇ مەخسۇس تېمىلىق ئەسەرلەر توپلىمىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم قول يازمىسىدىن 50 پارچە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم قول يازمىلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى ـ دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ. خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەت، دىن خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى. خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ