مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جياڭسۇ نەنتۇڭ ساقچىلىرى چېگرا سىرتىدىكى تېلېگراف ئالدامچىلىقى ۋە چىگرا ھالقىغان قىمار تور بېكىتىگە مەبلەغ يۆتكىگەن «پۇل يۇيۇش» شايكىسىنى بىتچىت قىلدى

2021.11.09 11:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا نەنتۇڭ شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى توڭجۇ رايونلۇق ساقچى تەرەپ بىلەن بىرلىشىپ، چېگرا سىرتىدىكى ئالدامچىلىق شايكىسى ۋە قىمار تور بېكىتىگە مەبلەغ يۆتكىگەن «پۇل يۇيۇش» شايكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق 22 كىشىنى قولغا ئالغان، 100 دىن ئارتۇق بانكا كارتىسىنى تۇتۇپ قالغان، دېلوغا ئالاقىدار مەبلەغ ئوبوروتى 30 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

  بۇ يىل 9-ئايدا، ساقچىلار خىزمەت جەريانىدا، بىر قىسىم تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى دېلولىرىدىكى دېلوغا چېتىشلىق بانكا كارتىسىنىڭ نەنتۇڭدىكى بانكا تور نۇقتىسىدا ھېسابات ئاچقانلىقىنى بايقىغان. نەنتوڭ ساقچىلىرى دەرھال قابىل ساقچىلارنى ئاجرىتىپ، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

  ئۈندىدار، چىقىمدان، بانكا كارتىسى قاتارلىقلاردا چىقىم قىلىش ئارقىلىق مەخسۇس تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى ۋە توردا قىمار ئويناش قاتارلىق تور جىنايى ھەرىكەتلىرىگە سۇپا ھازىرلاپ، زاڭ پۇلنى بۆلۈپ يۇيۇش جىنايى قىلمىشى «پۇل ئايرىش» دەپ ئاتىلىدۇ. مەبلەغ ۋە ئۇچۇر ئېقىمى قاتارلىق نۇرغۇن خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ماxx، خۇاڭ xx قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى «پۇل ئايرىش» جىنايەت شايكىسى ئاشكارىلانغان.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ماxxنىڭ مەلۇم خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى، خۇاڭ xx نىڭ مەلۇم بانكىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكى، ئىككىسىنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىقلانغان. ئىككىيلەن قانۇنسىز مەنپەئەتنى كۆزلەپ، خادىملارنى تەشكىللەپ، چېگرا سىرتىدىكى ئالدامچىلىق شايكىلىرى ۋە قىمار تور بېكىتى قاتارلىقلارنى مەبلەغ يۆتكەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  ھازىر ساقچىلارقانۇن بويىچەماxx، خۇاڭ xxقاتارلىق 18 جىنايەت گۇماندارىنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى، دېلو داۋاملىق بېجىرىلىۋاتىدۇ.

  ج خ ئورگانلىرى «كارتا كېسىش ھەرىكىتى» نى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بانكا كارتىسى ۋە تېلېفون كارتىسىنى ئىجارىگە بېرىش، ئارىيەتكە بېرىش، سېتىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى بۇنىڭغا ئوخشاش «پۇل ئايرىش» سۇپىسى ۋە شەخسلەرنى پائال پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «پۇل ئايرىش» توزىقىدىن ھوشيار بولۇپ، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشقا دىققەت قىلىشنى، ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى، چىقىم ھېسابات نومۇرى ۋە تېلېفون كارتىسى قاتارلىقلارنى خالىغانچە ئىجارىگە ۋە ئارىيەتكە بەرمەي، جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە ھەمشېرىك بولۇپ قېلىشدىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ