خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تاموژنا باش مەھكىمىسىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، شۇنداقلا شەندۇڭ ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تاموژنا باش مەھكىمىسى مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بىرىنچى دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى خې يېمىن قانۇن ۋە ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تاموژنا باش مەھكىمىسىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى، شۇنداقلا شەندۇڭ ئۆلكىسى تەيئەن شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.
خې يېمىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
خې يېمىن، ئەر، خەنزۇ، 1964-يىلى 2-ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يەنتەي شەھىرىدىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1998-يىلى 3-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1984-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ