مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ يى ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.11.09 10:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى تەكلىپكە بىنائەن ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ۋە ئىران دوستانە مۇناسىۋىتىنى قەتئىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ۋە ئىراننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ. جۇڭگو ئىران بىلەن بىر تەرەپلىمىلىك ۋە زومىگەرلىككە داۋاملىق قارشى تۇرۇپ، ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىنى قوغداپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىران بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئاخىرىدا يۇقۇم ئەھۋالى ئۈستىدىن غەلبە قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىراننىڭ «دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى» نى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ۋاڭ يى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:جۇڭگو ئىراننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمگە ئەمەل قىلىش سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، بۇ، ئىراننىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشتەك ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى. ئامېرىكا ئىران يادرو كېلىشىمىدىنئۆز ئالدىغا چېكىنىپ چىقتى، شۇڭا ئالدى بىلەن ھەرىكەت قوللىنىپ بۇنى تۈزىتىشى كېرەك، ئىران مۇشۇ ئاساستا يادرو ساھەسىدىكى ۋەدىسىنى ئادا قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سۆھبەتنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ، بۇ سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ