مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۆمۈر باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈشىدىن ئۈمىد بار! دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئەڭ يېڭى تەمىنلەش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى

2021.11.09 10:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10- ئايدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى ۋە بازار تەمىنلەش مىقدارى سىجىل ئېشىپ ، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە پورتلاردا ساقلانغان كۆمۈر تېز ئاشقان. كۆمۈرنىڭ كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى مەھسۇلات مىقدارى 11 مىليون 930 مىڭ توننىغا يېتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆمۈركانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى، كۆمۈركانلارنىڭ تەدرىجىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاقىتلىق توختىتىلغان كۆمۈركانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، 10- ئايدىن بۇيان كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى سىجىل ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە كۆمۈرنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تەڭشەش مەھسۇلات مىقدارى 11 مىليون 660 مىڭ توننىغا يېتىپ، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئاشتى، ئەڭ يۇقىرى كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى 11 مىليون 930 مىڭ توننىغا يېتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

  توك، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ كۆمۈر مەنبەسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك توختام ئىمزالاش نىسبىتى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق قاپلاندى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم توك، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنى تەشكىللەپ، 4- پەسىللىك كۆمۈرنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك توختامىغا تولۇقلاپ ئىمزا قويۇپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ئۆلكە سەنشى، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ بىلەن 150 مىليون توننا كۆمۈر مەنبەسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توك، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ كۆمۈرىنى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك توختام بويىچە تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى توك تارقىتىش، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك توختام بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 24 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ %100كە يەتتى.

  دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى ۋە تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە پورتلارنىڭ كۆمۈر زاپىسىنىڭ ئېشىشىگە ئەگىشىپ، ئېنېرگىيە كۆمۈرىنىڭ قەرەللىك نەق مال باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، كېيىنكى مەزگىلدە، كۆمۈركان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يەنىمۇ قويۇپ بېرىلىشى ۋە كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توك كۆمۈرىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك توختامىنى نەقلەشتۈرۈش ۋە كۆمۈر ساقلاش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بازاردىن سېتىۋېلىشى ئازىيىپ، كۆمۈر باھاسىنىڭ داۋاملىق مۇقىم چۈشۈشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ