مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ ئىش سەۋەبىدىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ھالاكەت يولى

2021.11.09 10:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيۋەن رايونى تاشقى ئىشلار تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى يېقىندا مۇنداق دېدى: تەيۋەن ھوندۇراس زۇڭتۇڭ سايلىمىغا يېقىندىن دىققەت قىلغان ھەمدە ھوندۇراس تەرەپنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئاۋام بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «تەيۋەن بىلەن ھوندۇراس مۇناسىۋىتى»گە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 8- چېسلا مۇنداق دېدى: دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى. بىز تەيۋەن دائىرىلىرىگە شۇنى ئۇقتۇرىمىزكى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ھالاكەت يولى، «مەنپەئەت دىپلوماتىيىسى»نىڭ چىقىش يولى يوق، تارىخ ئېقىمىغا قارشى تۇرىدىغان پىلانلار چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ